كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دېموكراتىك ئەللەرنى خىتاي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى 2011‏- يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى خىتاي قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ھەيكىلى ئاستىدا خاتىرىلەندى
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى كوممۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش ھەيكىلى ئاستىدا خاتىرىلەندى
RFA

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي قاتارلىق ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىش، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى توختىتىش ئورنىغا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش يولىنى تۇتماقتا ئىكەن.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى 2011- يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي قاتارلىق دۇنيادىكى 90 نەچچە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن يىلقى دوكلاتىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى نۇقتىلىق بايان قىلغان ئىدى. بۇ يىلقى دوكلاتتا بولسا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى، ئىستىبدات ئەللەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ بارغانسېرى يۇمشاپ كەتكەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئاقسارايدا كۈتۈۋېلىنغان ۋە ھەر ئىككى دۆلەت ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى جاكارلاپ، تېخى بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا ئېلان قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كېننېس رۇس، "ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقنىڭ باھانىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ" دېگەن.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان تەيۋەنلىك خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پروفېسسور ياڭ لىيۈي ئەپەندى، دىئالوگنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشتىكى رولىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھازىرغىچە 6- 7 قېتىمدەك ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن، بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. ئامېرىكا ھەر يىلى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلسا، ئىككىنچى ھەپتىسى جۇڭگومۇ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىدىغان بولۇۋالدى. شۇڭا مەن دىئالوگ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق دەيدىغان بۇنداق قاراش يوق. ئۇ ھېچقاچان دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس." لېكىن ياڭ لىيۈي، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى بىر ئىلگىرىلەش، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 649 بەتلىك دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر 11 بەتلىك قىسمىدا پىكىر ئەركىنلىكى، قانۇن ئىسلاھاتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە ئەمگەك ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، سالامەتلىك، دىنىي ئەركىنلىك قاتارلىق مەسىلىلەر شۇنداقلا تىبەت ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى. دىنىي ئىشلاردا خىتاي ئاساسىي قانۇنى دىنىي ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرمىغان دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇپ، تىزىملىكتىكى چېركاۋ، مەسچىت، ئىبادەتخانا ۋە بۇتخانىلارنىڭ روھانىي پائالىيىتىگە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى، دىنىي ئۆلىمالارنى ۋەزىپىگە قويۇش، دىنىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىش، دىنىي يىغىنلارنى چاقىرىش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلار خىتاي ساقچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك، باستۇرۇش ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەقىب قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارىماي ئەرزدارلار ۋەقەسى، قارا تۈرمە، تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدىكى غەيرىي نورمال ئۆلۈملەر، تەن جازاسى، ئۆكتىچىلەرنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا سولاش، ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى كەمسىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇزاكىرە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاخبارات ئىشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ژۇرنالىست، تۆرچى ۋە 400 مىليونغا يېقىن تورداشنىڭ ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، خىتاي ئىچكى قانۇنىنىڭ پىكىر ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دائىر بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىندى. ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، دىيارىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات، سەلكىن تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نۇرئەلى ۋە شەبنەم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نىجات ئازاد قاتارلىق ئۇيغۇر تورچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقى ئەيىبلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2010‏‏- يىلى خىتايدا غەيرەت نىياز قاتارلىق ئاز دېگەندە 24 نەپەر مۇخبىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش"، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن جازاغا تارتىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پروفېسسور ياڭ لىيۈي، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ خۇ جىنتاۋ ۋە شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ "بۇ ئەھۋاللارنىڭ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇ جىنتاۋ مۇقىملىقنى ساقلايدۇ. چۈنكى كومپارتىيە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى مۇقىملىققا تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. مۇقىملىق بولمىسا ئىقتىساد تەرەققىي قىلمايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىماللىقى ئاز. پەقەت 9 ‏- ۋە 10 ‏- ئەۋلاد جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دەۋرىدەك، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھاكىمىيەت تۇتقاندا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 5‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئىز ‏- دېرىكىدىن خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تەن جازاسى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بەزى سوتلارنىڭ ئادالەتلىك بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ 2010‏- يىلى 5‏- ئايدا چاقىرغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىلەپ چەتكە قېقىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىش خەۋپىنى كۈچەيتكەنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەنلىكى تەنقىدلەندى.

پروفېسسور ياڭ لىيۈي مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق خاتا سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىتى زور خاتالىقتۇر. سەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولساڭ، چوقۇم ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى بۇ تەرەققىياتقا قاتناشتۇرۇشۇڭ كېرەك. سەن ئۇنىڭغا خەنزۇلارنىلا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا خەنزۇ ئەمەلدارلار ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلساڭ بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا داخىل قىلىشىڭ كېرەك. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى يەنىلا خاتا. مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر خەنزۇ كۆچمەنلىرىنىڭ سانى يەرلىك خەلقلەردىن ئېشىپ كەتكەن".

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى يولغا قويغان ئاتالمىش "ئىجابىي سۆھبەت" بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك ئۆرنەك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تەنقىد قىلىنىپ، ئۇنىڭ 2010‏- يىلى خىتاينى زىيارەت قىلىپ خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبونىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقىنى تەنقىد قىلمىغانلىقى ئەيىبلەنگەن. بان كىمۇن ئەينى چاغدا بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسى سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى تەنقىدلىدى. "ئوبامانىڭ ناتىقلىقى......بەزىدە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى" ئەسكەرتىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ بولۇپمۇ خىتاي، ھىندونېزىيە، مىسىر، بەھرەين قاتارلىق ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئامېرىكا زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت