كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوبامادىن شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامادىن خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. 2010-يىلى 25-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. 2010-يىلى 25-ئاۋغۇست، بېيجىڭ.
AFP

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دىققىتى خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە قارىتىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل خىتاي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. چارشەنبە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ، شىجىنپىڭ 14‏-فېۋرال ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشكارا ۋە غەيرىي ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، بۇ خىتايدا ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا گۇرۇھلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بار. بۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن تۇيغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياخشى پۇرسەت» دەپ كۆرسەتتى.

 كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوباماغا يازغان مەكتۇپىدا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ئۆكتىچى ۋە تۈرمىدە ياتقان بەزى سابىق مەھبۇسلارنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىشىنى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشنى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە ياكى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاستانا گۇرۇھىغا قاراشلىق «سەيشىن» گېزىتىگە مەخسۇس سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مەخسۇس كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى، جۈملىدىن تەن جازاسى بېرىش، ئۆلتۈرۈش، ئىز دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، يۇقىرىقى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغان دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ، قەرەللىك سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

 ھېنرىي شاجەفىسكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەكتۇپتىكى پىكىرلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

شاجەفىسكى: بىز ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. بولۇپمۇ شۇ ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىك مەسىلىسىنى سورۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئادالەتسىز سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا خەلقئارا ئۆلچەمگە رىئايە قىلىش نۆۋەتتىكى زۆرۈر مەسىلىگە بولۇپ قالغان. بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدىن قارىغاندا بۇ ئاچقۇچلۇق بىر مەسىلىدۇر. بىزنىڭ پرېزىدېنتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورۇشىغا ئېھتىياجىمىز بار، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر دەرىجىلىك سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ناھايىتى ئېنىقلىقىنى ئەسكەرتىپ:بىزنىڭ مەيدانىمىز بۇرۇن يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قانداق بولغان بولسا، بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا ناھايىتى روشەن، دېگەن ئىدى.

بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مەسىلىسىنى بۇ قېتىم قانداق پوزىتسىيىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى يېقىندىن قىزىقتۇرىدىغان مەسىلىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم ئاگاھلاندۇرۇپ: قىسقىسى، شىجىنپىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى باستۇرۇشنى كۈنسايىن كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئاشكارا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېتىراپ ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىلمەسلىكى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىدىكى ھېنرىي شاجەفىسكى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سوراشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايون توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىگە قارىتا ئۇلارنىڭ گۇمانى مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قاچانىكى رايوندا بىرەر ۋەقە يۈز بەرسە، دائىرىلەر بۇلارنى «تېررورلۇق» دەپ ئېلان قىلىپ كەلدى. مەسىلىنىڭ نازۇكلۇقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قارىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقى بىر پاكىت. بىراق، مېنىڭچە ھازىر بىزنىڭ بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ۋە پاكىت تەلەپ قىلىش ۋاقتى. مەسىلەن: كىچىك بالىلار زىيانكەشلىك ئۇچرىغان خوتەندىكى ۋەقە ھەققىدە بىزدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. بۇ ۋەقە «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ يىغىشتۇرۇلدى. بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ سوئاللارنى سورۇشىمىز لازىم. يەنە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسى بار. ئائىلە تاۋابىئاتى ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوق. بۇ ئائىلىلەر ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خاتىرجەمسىز بىر ئەھۋالدۇر. دۆلەت بۇ قىلمىشىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت