خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتاينى ئىككى كۈنلۈك زىيارەت قىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئاڭەلا مەركىل خانىم. 2011-يىلى 28-يانۋار.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئاڭەلا مەركىل خانىم. 2011-يىلى 28-يانۋار.
en.wikipedia.org

ئۇنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىدىغان گېرمانىيىلىك ئاخباراتچىلار مېركېلنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ۋېن جياباۋ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارغا چەتئەللىك مۇخبىرلارنى قوغداش، ئۇلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مېركېلنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، گېرمانىيىنىڭ ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىغا خاتىمە بېرىشكە كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ، ئۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. مېركېلنىڭ زىيارىتى نۇقتىلىق پۇل-مۇئامىلە، سودا-ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى مەركەز قىلسىمۇ، بىراق گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى بەزى تەشكىلاتلار ئۇنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە كەڭ مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان گېرمانىيىلىك مۇخبىرلار يەكشەنبە كۈنى ئانگېلا مېركېلغا مەخسۇس خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرچىلىك خىزمەت شارائىتى«ناچارلىشىپ كەتكەنلىك» ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيىلىك مۇخبىرلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىزا يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىدىن قوبۇل قىلغان ياردەمچىلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر خەتكە خىتايدىكى 26 نەپەر گېرمانىيىلىك مۇخبىر ئىمزا قويغان. ئۇلار «خىتاي ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ۋە ساغلام بولۇشىنى كۆزدە تۇتقاندا، بىز بۇ مەسىلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قاتلىمىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى زۆرۈر، دەپ قارايمىز» دەپ ئەسكەرتىپ، «بىز گېرمانىيىدە خىزمەت قىلىدىغان خىتاي ژۇرنالىستلار بەھرىمەن بولۇۋاتقانغا ئوخشاش خىزمەت مۇھىتى تەلەپ قىلىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە خەلقئارا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، گېرمانىيىلىك مۇخبىرلارنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى خانو شەدلېر ئەسكەرتىپ: بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر تەلەپ. چۈنكى، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن، بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاي، مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تىبەتكە ئوخشاش رايونلاردا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىشىغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلدى. خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىزمىتىگە چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتتى. بۇ بارغانسېرى گەۋدىلىك بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. شۇڭا مۇخبىرلارنىڭ بىرلىشىپ مېركېلغا خەت يېزىپ، خىتايدىكى ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ خەۋەر بېرىشكە يول قويۇشنى تەلەپ قىلىشى ناھايىتى ئورۇنلۇق بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا قانداق ۋەقە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاشتىن قېچىشى، ئۇنىڭ ھەر كۈنى، ھەر ھەپتە يۈز بېرىۋاتقان مىڭلارچە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ.

مېركېلنىڭ ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى، گرېتسىيىدە پارتلىغان پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا ئەللەرگە كېڭىيىپ، ياۋرو پۇل بىرلىكىنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغان، گېرمانىيە كۆپرەك كۈچ چىقىرىپ، ياۋرونى قۇتقۇزۇپ قېلىش، ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. گەرچە، گېرمانىيە-خىتاي ئومۇمى سودا ھەجمى 2011‏-يىلى 169 مىليارد دوللارغا يېتىپ، 2010‏-يىلقىدىن ئاز كەم 19% ئاشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئېكسپورتى يېقىندىن بۇيان ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ئەنگلىيە ھسبچ بانكىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 8‏-ئايدا دۇنيانىڭ خىتاي توۋارلىرىغا بولغان ئېھتىياجى ئازىيىپ، خىتاي كارخانىلار ئېكسپورت قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ 8‏-ئايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تورمۇزغا دەسسىگەن.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى خانو شەدلېر، مېركېلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت سورىغان دەسلەپكى يىللاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، بىراق ھازىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق شەندلېر پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تەسىر قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز باش مىنىستىرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ۋە ئۇلارغا چاقىرىق قىلىپ، تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي بىلەن تىبەت ئارىسىدىكى ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەت 2010‏-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن. بىز خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى ۋە يېڭى باش مىنىستىرىنىڭ ھازىرقى رەھبەرلەرگە قارىغاندا تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ قورساق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خانو شەدلېر، تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل رامزاندا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا «دىنىي ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يەنە بەزى جايلاردا ھىجاپ ۋە ساقال-بۇرۇتنى چەكلەپ،، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، كادىر ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن. دائىرىلەر يەنە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالغان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى شەندلېر ئەسكەرتىپ: ھازىرغا قەدەر 49 ئادەم ئۆزىنى كۆيدۈردى. بىز بۇنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز. ھالبۇكى، تىبەتلەردىكى ئەنسىزلىك ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ كۈچىيىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىدە دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتىكى چەكلىمىلەر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغىدى. بىز بۇنىڭغا رامزاندا شاھىت بولدۇق. ئەلۋەتتە بىز خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھېقىقى ئاپتونومىيە تەلەپلىرىگە، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئاپتونومىيە تەلەپلىرىگە كەڭ قورساق ۋە ئوچۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىراق، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت