55 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى غەربىي رايونغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا

2006-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 60% ئىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. خىتايدىكى بۇ خىل ئىشسىزلىق ۋەزىيىتى ئاستىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەربىي رايونلارغا بېرىپ ئىشلىشى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار تېخىمۇ كۈچەيگەن. مەسىلەن، يېقىندا خىتايدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ غەربكە بېرىش ئۈچۈن تىزىملاتقانلار سانى 55 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، غەربىي رايونلارغا بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن مەزكۇر جايلاردىكى مائارىپ، سەھىيە، دېھقانچىلىق ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە غەربىي رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام خەلق ئەدىلىيە ئىدارىلىرى، ئاساسىي قاتلام تەپتىش ئىدارىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن ياردەم بېرىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىكەن.

ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى خىتايلار ئىگىلىمەكتە

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئالىي مەكتەپ كادىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر قايسى فاكۇلتېتلارغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. مەسىلەن، قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن يەنى مەزكۇر فاكۇلتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا دەرس بېرىۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى 11 گە يەتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئالىي مەكتەپ كادىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئالىي مەكتەپتە ھازىر بارلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىۋاتقاچقا، دەرس بېرىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن ھەمدە شۇ ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەپتىسىگە ئۆتىدىغان دەرس سائىتى خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە ئاز بولغان.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالماقتا

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئالىي مەكتەپ كادىرى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، ھازىر ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالىشى ھەقىقەتەن ناھايىتى تەس بولۇۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ، مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالىشى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تەس بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھەرقانداق خىزمەت ئورۇنلىرى خىزمەت ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئوچۇقتىن ‏- ئوچۇق" بىز ئۇيغۇر ئالمايمىز " دەپ ئۇلارنى رەت قىلغانلىقتىن، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈمىدسىزلىنىپ ئوقۇش تۈگىمەيلا مەكتەپتىن چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال پەقەت ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىلا ئەمەس، كەڭ يېزىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولغان. مەسىلەن، يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايال ئۆزىنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئوقۇتقان ئىككى بالىسىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تا ھازىرغا قەدەر خىزمەتكە ئورۇنلىشالمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ دېھقان ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ھەر يىلى ئاقسۇدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 5000 ئەتراپىدا بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدىغانلار مەزكۇر ساننىڭ ئاران 1% تىنىلا ئىگىلەيدىكەن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت