لېئون پانېتتا: بىز تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۈچەيتسەك كۈچەيتىمىزكى، ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايمىز

ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭىيىۋاتقان بۇ يىللاردا، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا توكيو شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا-ياپونىيە ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلدى. 2011-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا توكيو شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا-ياپونىيە ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلدى. 2011-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
AFP

لېئون پانېتتانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سۆزلىرى، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي كىرسىز، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاۋىئاماتكا ۋە ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ھەدەپ مەبلەغ سېلىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، «ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ئاجىزلىشىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەندەك گۇمانىي قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

لېئون پانېتتا، بۇ يىل ئىيۇلدا ئامېرىكىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا زىيارىتى ئۇنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لېئون پانېتتا يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكىنىڭ مىنىستىرلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ئىدى.

پانېتتا ھىندونېزىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 24-ئۆكتەبىر ياپونىيىگە كەلگەن ۋە ئىككى كۈنلۈك ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىغان.

لېئون پانېتتا ياپونىيە ئاخبارات ساھەسىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى ۋە توكيو شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان يوكوتا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا-ياپونىيە ئەسكەرلىرىگە سۆزلىگەن سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ رايوندىن ئەسكەر قىسقارتىشنى ئويلاشمىدۇق. بىز تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى كۈچەيتسەك كۈچەيتىمىزكى، ھەرگىز ئاجىزلاشتۇرمايمىز.

لېئون پانېتتا، ھىندونېزىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدىمۇ ھىندونېزىيە ئاخبارات ساھەسىدە ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايوندىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكىلەرگە بەرگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى يازغان ئىدى.

ئۇ، بۇ ھەقتىكى گۇمانلارغا رەددىيە بېرىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش ۋە ئافغانىستاندىكى ئەسكەر سانىنى بارغانچە ئازايتىشنىڭ ئامېرىكىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: بۇلار بىزنى يەنە ئىنتېرنېت ئۇرۇشى تېخنىكىسى سېلىۋاتقان تەھدىتلەرگىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، دېگەن.

پانېتتا يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى: ئەلۋەتتە ھازىرمۇ بىزنىڭ يورۇقى رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچىمىز يېتىدۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنى كېسىپ ئېيتىش كېرەككى بۇ يەردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى چوقۇم كۈچەيتىمىز.

پانېتتا ياپونىيىدە چىقىدىغان «يومۇرى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى تىز سۈرەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ «بۇ جەھەتتىكى خۇپىيانىلىكى ھەمدە شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئۆكتەم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان» لىقىنى يازغان.

لېئون پانېتتا بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى بۇ يىل 7-ئۆكتەبىر ئىتالىيىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئوتتۇرا قويغان.

ئۇ ئىتالىيە مۇنداق دېگەن ئىدى: تىنچ ئوكياندا بىز خىتايغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. بۇ يەردە بىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش بولسا، تىنچ ئوكيانغا ئەسكىرى كۈچىمىزنى جۇغلاش. خىتايغا دېڭىزدا ئەركىن يۈرۈشتىن ئىبارەت خەلقئارالىق ھوقۇقلارنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە ئاۋىئاماتكا ۋە دېڭىز ئارمىيە فلوتىمىزنى يۆتكىشىمىز كېرەك.

خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئۆكتەملىكى ياپونىيە ۋە بىر قىسىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.

2010-يىلى 8-سېنتەبىر، ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا كىرگەن بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى ياپونىيىنىڭ دېڭىز قوغدىغۇچى كېمىسىگە قەستەن سوقۇلغان، نەتىجىدە ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانى قولغا ئالغان ئىدى.

بۇ يىل ئىيۇلدا خىتايغا تەۋە بىر كېمە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋيېتنام كېمىسىنىڭ تەكشۈرۈش كابېلىنى كېسىۋېتىپ جېدەل تېرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەردە ئەنسىرەش تۇيغۇلىرى كۈچەيگەن.

ئەينى چاغدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ بىر تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىدىن باش تارتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت