شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى سايلام ئۆتكۈزۈپ جەمئىيەت باشلىقى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 29-يانۋار، تۈركىيە.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 29-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

1-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە 3-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئالدى بىلەن سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم قەشقىرى قۇرۇلتاي يىغىنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، 2006-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان خىزمەت-پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا ۋە قانداق قىلىپ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بۈگۈنكى باسقۇچقا كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن قۇرۇلتاي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم قەشقىرى سۆز قىلىپ سايلامغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتتى. سايلام ئوچۇق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر نامزاتنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىپ، نامزاتقا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلاش ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرى قول كۆتۈرۈش ئارقىلىق قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

سايلام نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا 7 كىشى، قوشۇمچە ئەزالىققا 7 كىشى سايلاندى. جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتىگە 3 كىشى رەسىمى ئەزالىققا، 3 كىشى قوشۇمچە ئەزالىققا سايلاندى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپ ۋە مالىيە مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئابدۇلكەرىم كۇچار، مۇساجان، نىمەتۇللاھ، مۇمىنجان ۋە رىفقەت قاتارلىق 7 كىشى سايلاندى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قايتىدىن سايلاندى. ئابدۇلكەرىم كۇچار، مۇساجان قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە. ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان باش كاتىپلىققا، مۇمىنجان ۋە نىمەتۇللاھ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ سايلاندى.

تەپتىش ھەيئىتىگە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئابدۇرېھىم قەشقىرى، ئابدۇرېشىت بۈركۈت ۋە سىيىت تۇمتۈرك قاتارلىقلار سايلاندى. تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە يېڭى رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى يېڭىدىن بەلگىلەندى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە قۇرۇلتاي يىغىنى قاتناشقۇچىلىرىدىن خىزمەت-پائالىيەتلەردە يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدى.

قۇرۇلتاي يىغىنى ھېچقانداق پىكىر-ئىختىلاپ يۈز بەرمەستىن مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت