ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تېما قىلغان تالاش - تارتىش قىزىشقا باشلىدى

ئامېرىكا، "11 - ‏سېنتەبىر ۋەقەسى" دىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس ئايرودرومىدا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسكەر ۋە مۇھىماتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان تەمىنات لىنىيىسى قىلىپ قوللانغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo
قىرغىزىستان ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىجارە ھەققىنى كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ تەلىپىنى قاندۇرمىسا بازىنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم پرېزىدېنت باقىيېۋنىڭ بازىنى تاقاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى يەنە تالاش - تارتىشتىكى تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ قارارىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى، قىرغىزىستان بولسا تاقاش قارارىنىڭ ئاخىرقى قارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخت بىشكەك شەھىرىدىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقاش قارار قىلغان مەزگىلى پرېزىدېنت ئوباما ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، تالىبان ۋە ئەل‏ - قائىدىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاشنىڭ پىلانىنى قۇرۇۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى بولسا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ۋە ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنى ھەربىي تەمىناتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان قاناللارنىڭ بىرى. ئەگەر قىرغىزىستان بازىنى تاقىسا ئامېرىكا ۋە ش ئا ئو ئە ت نىڭ يېڭى ھاۋا تەمىنات لىنىيىسى ئېچىشىغا توغرا كېلەتتى.

شۇڭا بۇ مەسىلە ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. قىرغىزىستان پارلامېنتى ئەسلى پەيشەنبە ياكى جۈمە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ بازىنى تاقاش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن پارلامېنت مۇزاكىرىنى كېلەر ھەپتىگە كېچىكتۈرگەن. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنكى باياناتىدا ماناس بازىسىنى تاقاش قارارىنىڭ "ئاخىرقى قارار" ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا - قىرغىزىستان ئارىسىدا بازا توغرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىنى رەت قىلدى. جۈمە كۈنكى باياناتىدا بازا توغرىسىدىكى "قارارنىڭ چىقىرىلىپ بولغان" لىقىنى تەكىتلىگەن قىرغىزىستان ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئايبېك سۇلتانگازىيېۋ " ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە پىكىر ئالماشتۇردى. لېكىن بۇ يەردە بازىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمىدى،" دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر تەۋەسىگە تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدىغان، پايتەخت بېشكەكنىڭ 20 كىلومېتىر سىرتىدىكى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت ۋە ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىن - بىر ھەربىي بازىسى بولۇپ، مەزكۇر بازا خىتاي ۋە رۇسىيىنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. پرېزىدېنت باقىيېۋ بازىنى تاقاش قارارىنى موسكۋا زىيارىتىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قارارنى ئېلان قىلغان مەزگىلى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار قەرز ، 150 مىليون دوللار ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

قىرغىزىستانغا ھەر يىلى 150 مىليون دوللار ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار، ئەگەر قىرغىزىستان بازىنى تاقىسا ئۆزبېكىستان ياكى تاجىكىستان بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يۈزلىنىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە.

پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىشىش ئېھتىمالىغا دائىر مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىللارىي كلىنتون، قىرغىزىستاننىڭ بازىنى تاقاش قارارىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئەگەر قىرغىزلار بازىنى تاقىسا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدىغان تەمىنات لىنىيىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

كلىنتون خانىم بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچىنېر بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىك بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ " بازا مەسىلىسىگە كەلسەك، مۇداپىئە مىنىستىرلىكى قانداق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە بىزنىڭ قانداق قارار چىقىشىمىز بىلەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى چىقارغان قارار ئەپسۇسلىنارلىق بولدى ، لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز .... قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىدىن قەتئىي نەزەر بىزنىڭ سوغۇققانلىقىمىزغا تەسىر قىلمايدۇ،" دەيدۇ. كلىنتون خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۆزبېكىستاندىكى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان رايوندىكى ئەڭ مۇۋاپىق دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىرغىزىستاننىڭ ماناس بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىغا 2 - قېتىم تەھدىت سېلىشىدۇر. قىرغىزىستان 2006 ‏ - يىلى ئامېرىكىغا بىر قېتىم تەھدىت سالغان، ئامېرىكا بولسا شۇ يىلى بازىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرگەن ئىدى. لېكىن قىرغىزىستاننىڭ ماناس بازىسىنى تاقاش قارارى تاجىكىستاننى ئۈمىدلەندۈرگەن بولۇپ، پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمان ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستان زېمىنىنى قوللانسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ پايتەخت دۈشەنبەدىكى باش ئەلچىسى جاكۇبسون جۈمە كۈنى پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشۈپ، رايوننىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندا تاجىكىستان پرېزىدېنتى بۇ تەكلىپنى بەرگەن. جاكۇپسون مۇخبىرلارغا بەرگەن سۆھبەت توغرىسىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ترانسپورت قىسىملىرىنىڭ بىر ئۆمىكى پات ئارىدا تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ بازىنى تاقاش قارارىغا كېلىشىدە ئۆزىنىڭ رولى بارلىقىنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئەمەلدارلار، قىرغىزىستاننىڭ بازىنى تاقاش قارارى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىش، 2 مىليارد دوللار قەرز بېرىش ۋەدىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئانالىزچىلار بولسا قىرغىزىستاننىڭ قارارى ئۇنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز ، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا ۋەدە قىلغان پۇلنى بېرەلەيدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش قارارى قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قىرغىزىستان 2006 ‏ - يىلى بازىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغاندا بەزى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ ، بازىنى پېچەتلەشكە قارشى چىققان. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرى ئاجىزلاشسا خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەرەققىياتىنى ئاقسىتىدىغانلىقىنى، مۇستەبىتلىك تەكرار باش كۆتۈرىدۇ ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت