خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلماقچى

2012-يىلىنى تۈركىيىدە خىتاي مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيىلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى. 2012-يىلى، ئىستانبۇل.
خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى. 2012-يىلى، ئىستانبۇل.
RFA/Erkin Tarim

بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتقىنى خىتاي-تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدۇر. بۇ پائالىيەت 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدىكى ئالىي ئەمىرى ئەپەندى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. كۆرگەزمىدىن باشقا 9-ئاينىڭ 1-كۈنى «خىتاي ۋە تۈركىيىدە ئىسلام» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئارقىدىن قۇرئان ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ كۆرگەزمە جەريانىدا خوتەن ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، 9-ئاينىڭ 2-ۋە 6-كۈنلىرى بولۇپ 3 مەيدان ئويۇن قويماقچى.

بۇ پائالىيەتنى تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت، خىتاي دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

خىتايدا دىنىي بېسىمنىڭ ھەددىدىن ئاشقان، رومال ئارتقان خانىم-قىزلارنىڭ رومىلىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىمۇ بوغۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلىرى بىلەن تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ تۈركىيىدە دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مەقسىتى زادى نېمە؟ تۈركلەر نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت