گېرمانىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن گېرمانىيىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بوھۇم شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە `قەشقەردىكى ئەتىگەنلىك ناشتا` تېمىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-12-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى گېرمانىيىنىڭ بوچۇم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت كېچىسى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى گېرمانىيىنىڭ بوچۇم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت كېچىسى
RFA/Erkin Tarim

بۇ پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر ئۆيى ياسالغان بولۇپ، ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيىدە بولۇشقا تېگىشلىك پۈتۈن ئۆي جابدۇقلىرى قويۇلغان. بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيىدىن كامىل ئابباس ۋە گۈلەندەم قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان سەنئەت ئۆمىكى كەلگەن.

كۆرگەزمىگە ياۋروپادا تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 30 پارچە رەسىمى قويۇلغان. بۇ كۆرگەزمىدە نۇرنىسا ئىسمايىلوۋا خانىم ئۇيغۇر رىۋايەت ۋە چۆچەكلىرىدىن ئارىيىلەر ئوقۇپ نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى سېتىلغان. بۇ پائالىيەتنى سەنئەتكار ۋە كەسپىي رېژىسسور ھوللەندەر خانىم ئۇيۇشتۇرغان. گېرمانىيىنىڭ بوھۇم شەھىرىنىڭ 400 مىڭ نوپۇسى بار بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت كېچىلىكىگە كۆپ ساندا گېرمان قاتناشقان.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ھوللەندەر خانىم ۋە ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت