ئىستانبۇلدا مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

2006-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
mehmut-qeshqiri-200.jpg

12 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقى تۈركىستان" تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا تۈركىيىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 ئىلىم ئادىمى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى شېھىتلەرنىڭ روھىغا بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلىشى بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىلىم ئادەملىرى، ئىستانبۇل ۋە قەيسىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور، دوكتور ئەھەت ئەندىجان، ئىستانبۇلنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇرات قوجاباش، بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەرتۇغرۇل موگانباي، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور، دوكتور تۇران يازغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، مۇئاۋىن باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ھۆرمەتلىك مىنىستىر، قىممەتلىك ئىلىم ئادەملىرى، مېھمانلار ۋە يۇرتداشلىرىم، بۈگۈن ئەبەدىي ئەسەر، پۈتمەس تۈگىمەس بىر بايلىق سۈپىتىدە بىزگە يېزىپ قالدۇرۇلغان تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى، بۈيۈك ئالىم، ئەسكەر، قوماندان، دۆلەت ئەربابى، مەھمۇت قەشقىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەسىلىلىرىنى مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن مەھمۇت قەشقىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تېمىلىق يىغىننى چاقىردۇق. ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە دۇنياغا ھاكىم بولىۋاتقان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەڭ ئەقەللى ئىنسان ھەق ھوقۇقىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىر ئىنسانلىق ۋەزىپىسىدۇر. يىغىنىمىزغا تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان قىممەتلىك ئىلىم ئادەملىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن".

كېيىن سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور، دوكتور ئەخەت ئەندىجان سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورنى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"ھەر مىللەتنىڭ تارىخىدا ئۇ مىللەتنىڭ تىلىغا، تارىخىغا، فولكلورىغا ئىسمىنى يازدۇرغان، ئۇ مىللەتنىڭ تارىخىغا ھۇل سالغان كىشىلەر بولىدۇ. مەھمۇت قەشقىرى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇشۇنداق مۇھىم بىر شەخىس. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە يازغان تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەسەردە 7500 ئەتراپىدا سۆز ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا ئىزاھلانغان بولۇپ، بۇ ئاددىي بىر لۇغەت ئەمەس، بىر ئېنسىكلوپېدىيىلىك لۇغەتتۇر. 20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۇ ئەسەر غەرب تۈركولوگلىرىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. بۇ ئەسەرنىڭ قىزىقارلىق بىر ھېكايىسى بار، مەھمۇت قەشقىرى ئەسەرنى يېزىپ، ئابباسىلار پادىشاھىيىغا سۇنغاندىن كېيىن بۇ كىتاپ يوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، 1900 - يىللىرىدا كىتابپۇرۇش ئالى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىۋېلىنغان، كېيىن ئۇنى كىلىسلى رىفات ئەپەندى تەرجىمە قىلغان، كېيىنكى يىللاردا ئارقا ئارقىدىن دۇنيادىكى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان".

سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور، دوكتور ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈگۈن بولسا ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"بۈگۈن مەھمۇت قەشقىرى قەشقەرگە 30 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى يەردە ياتماقتا. ئەپسۇسكى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىللىتى دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق قېيىن بىر ۋەزىيەتتە. شۈبھىسىزكى بۇ ئەھۋال داۋام قىلىۋەرمەيدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستانمۇ باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئوخشاشلا يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىللىققە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىشى كېرەك. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇندىن 10 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى بىرىنجى يىغىنىنى چاقىرغان ئىدى، بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ يىغىننىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇرات كوجاباش ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور تۇران يازغان ئەپەندىمۇ سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە مەھمۇت قەشقىرىنى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاش بالدۇرراق مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىنى تىلىدى.

يىغىندا 20 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور گۈلچىن چاندارلىئوغلى "مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى ۋە بۈگۈنكى قەشقەر"، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور، دوكتور زېكېرىيا كىتابچى "مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنى يېتىشتۈرگەن ئۇيغۇرلار"، يېدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور نادىر دەۋلەت "دۇنياۋىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە ئازسانلىق مىللەت بولۇپ ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر"، ئادنان مەندەرەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سەلچۇق چولاق ئوغلى بولسا "تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى"، تەتقىقاتچى يازغۇچى ئابدۇللاھ باقىر ئەپەندى بولسا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئورنى"، مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئابدۇلۋاھاپ قارا بولسا "تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنى تاپقان ئەلى ئەمىر ئەپەندىنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە شەخسىيىتى"، پروفېسسور، دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقىرى ئەپەندى بولسا "تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى ئەتراپلىق بىر شەكىلدە ئاڭلىتىلغاندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت