مەمەت تۇرسۇن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا بومبا ئاتقان

خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا يەنى 30 - سېنتەبىر سائەت 18:45 دە، مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بومبا تاشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ  ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﺌﻮﻏﻠﻰ "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ!" ﺩﻩﭖ ﺗﺎﯞﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 3 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

AFP Photo

ئەمما ئۇ ئىككىنچى بومبىنى تاشلاش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنى تۈرك ساقچىلىرى تۇتۇپ كەتكەن. ئۇ ھازىر ئەنقەرەنىڭ سىنجان رايونىدىكى سىنجان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېتىلغان بومبا ئوت قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بومبا بولغاچقا، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئانچە كۆپ زىيان يەتكۈزەلمىگەن. تۈرۈك ساقچىلىرى بۈگۈنگىچە مۇخبىرلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېقىنلاشتۇرمايۋاتىدۇ.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 7 كۈندىن كېيىن سوتقا ئېلىپ چىقىلىدىكەن.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، بەدىنىگە بېنزىن چېچىپ، ئوت ياققاندا تۈرك ساقچىلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىلەن ئۆچۈرۈۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېغىر يارىلانغان ئىدى.

مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر يەنە 2008 - يىلى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىستانبۇلدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر قانداق بىر كىشى؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان؟ ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايتتى؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالى ۋە دوستلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت