ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى' ئىمتىھانى تەسىس قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى يېقىندا 2010 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ئىمتىھانى ئېلىشنى يولغا قويۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بېرىشكە تېگىشلىك ئىمتىھان تۈرى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻠﺎﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ "ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻠﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﯘﺋﺎﺭﻻﺭ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻛﻪﺯﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻠﺎﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﮔﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ "ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻠﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﯘﺋﺎﺭﻻﺭ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻛﻪﺯﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

مەزكۇر ئىمتىھان تۈرى ئانالىزچىلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاپ، بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىل 2 - ئايدا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" قانۇنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا "پايدىسىز" "سۆز - ئىبارىلەر"نى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئەمدى، مائارىپ نازارىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش سىنىقىغا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسىگە ئائىت ئىمتىھان سۇئاللىرىنى قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان "2010 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھىسى" دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، لايىھىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش سىنىقىدىكى" تارىخ ۋە ئىدىيىۋى پەزىلەت" ئىمتىھان مازمۇنى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسىگە ئائىت سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

دائىرىلەر بولسا بۇ تەدبىر رايوندا ئۇيغۇر - خىتاي ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان مىللىي مۇناسىۋەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي - ئامېرىكا پەن - تېخنىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شيې جيايى رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى پىكرىدە بۇ تەدبىرنى قوللاپ، بۇ يەردە ئىمتىھان مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكى، مۇھىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەرياندا مۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 لېكىن، بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمانى قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى "باراۋەرلىك" ۋە " ئۆز - ئارا ھۆرمەت" ئاساس قىلىنماي، بىر تەرەپلىمىلىك ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەۋەرسە، بۇ ئۇيغۇرلاردىكى بىزارلىقنى كۈچەيتىپ، سەلبىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدا 1949 - يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆچمەنلىك ۋە بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئاتالمىش 3" خىل كۈچلەر"گە ئارتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەكلەپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە تايىنىش ئاساسىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسى پەنلەر پروفېسسورى ياڭ لىيۈي ئەپەندى بولسا" رايوندىكى نېگىزلىك مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت پەرقىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدۇر"، دەپ قارايدىغان خىتاي زىيالىيسى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشكە خاتىمە بەرمەي تۇرۇپ، ئىدىيىۋى تەربىيە ۋە ئىمتىھان بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ لىيۈي " بىز ئامېرىكىدا ئاز سانلىقلارنىڭ ئاز سانلىقى. بىز ئاق تەنلىكلەرنىڭ بىزنى كەمسىتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىدۇق. مەن 15 يىل بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئاسىيا فاكۇلتېتىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۆتىدىم. مەن بىزنىڭ پاكۇلتېتتىكى بىردىن - بىر جۇڭگولۇق. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىكلەر ئىدى. ئۇلار مېنى 5 قېتىم پاكۇلتېت مەسئۇللۇقىغا سايلىدى. كەمسىتىشكە ئۇچراپ باقمىدىم. سېنىڭ ھازىرقى مەسىلەڭ مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسا، سەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قايىل قىلىشىڭ كېرەك. ئاندىن ئۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلىقىدىن سۆز ئاچساڭ بولىدۇ. سەن ئۆزەڭنى چوڭ مىللەت، بۈيۈك جۇڭخۇئا مىللىتى ھېسابلايسەن. بۇ يەردە دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى پەرق چوڭ مەسىلە ئەمەس"، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" تەربىيىسىگە ئائىت ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ "شىنجاڭ يەرلىك تارىخى"نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، لېكىن باشقا مەزمۇنلار توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن. دوكتور قاھار بارات، "ئەگەر دائىرىلەرنىڭ مىللى ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىيىتى بولسا دەرسلىك مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك"، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدا تارىختىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ خانلىقلارنى خىتاي پادىشاھلىرىغا بېقىنىدىغان يەرلىك بەگلىكلەر، دەپ ئەسكەرتىپ كەلگەن. دوكتور قاھار بارار، خىتاي دەرسلىك كىتابلىرىدىكى خىتاي خانلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار قىلغان تارىختىكى ھەربىي ئىستىلاسىنى ئاقلاپ، ئىشغالىيەتچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېكىن ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ياڭ لىيۈي، مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللىقىدىكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى مىللى سىياسىتىدە بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
 ئۇ مۇنداق دەيدۇ : "مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ مۇددىئاسى نېمە ؟ ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى ئىناق جەمىيەتنى ئالغا سۈرۈش ئەمەس. بەلكى ئۆزىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىنى قوغداش، جۈملىدىن سىياسى، ئىقتىسادى مەنپەئەتى ئىجتىمائىي ئورنىنى قوغداشتۇر. بۇ ئەھۋالدا ئۇلار مىللى مەسىلىنى قانداق ھەل قىلالايدۇ؟. مېنىڭچە جوڭگونىڭ مىللى سىياسىتى جۇڭگودىكى مىللى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، خالاس. مەن بىر دېموكرات، مەن شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمەن. لېكىن مەن شىنجاڭ بىلەن شىزاڭدا ھەقىقى ئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قەتئىي قوللايمەن. ھازىرقى ئاپتونومىيە دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان، پۈتۈنلەي شەكىلۋازلىقتۇر".

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت