مۇرسى ئەرباقانمۇ ياكى ئەردۇغانمۇ؟

ئەرەب باھارىنىڭ نەتىجىسىدە مىسىردا ھۈسنى مۇبارەك ھۆكۈمىتى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى دەموكراتىك كۈچلەر ئىگىلەش قەدەملىرى داۋاملىق بېسىلدى. يەكشەنبە كۈنى مىسىردا مۇبارەكتىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇسرىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مۇسرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىشتا
مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد مۇسرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىشتا
AFP


بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا، بەزى ئانالىزچىلار بۇ ۋەقەنى تۈركىيىدىكى ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ سابىق باش مىنىستىر ئەرباقان ۋە ھازىرقى باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ تۇتقان يوللىرىغا سېلىشتۇرماقتا.

تۆۋەندە سىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجاندىن ئەرەب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلايسىلەر

ئەرەب باھارىنىڭ ئىككىنچى ئادرېسى بولغان مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق رەئىس سايلىمى ئاخىرلاشتى. نەتىجە تېخى رەسمى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئومۇميۈزلۈك خەلق رايى «ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن» ( مۇسۇلمان قېرىنداشلار ) جامائىتىنىڭ نامزاتى، دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. چۈنكى، ئەرەب باھارىنىڭ يۆنىلىشى شۇنداق بولۇشىنى كۈتمەكتە.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى 20 - ئىيۇن سانىدا، يازغۇچى مۇھەممەد رۇمەيھى تەرىپىدىن «مۇھەممەد مۇرسى ئەرباقان بولامدۇ ياكى ئەردۇغانمۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مىسىردىكى ئۆزگىرىشلەر،بولۇپمۇ يېڭىدىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلەيدىغان ھۆكۈمەت ھەم ئۇنىڭ رەئىسىنىڭ تۇتقان يولى تۈركىيىدە يېقىنقى 20 يىللار ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ ئىسلامىي ئېقىمدىكى سابىق باش مىنىستىر ئەرباقان بىلەن ھازىرقى باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ تۇتقان يولى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

مۇلاھىزىچىلەر تۈركىيىدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ تايىپ ئەردوغان دەۋرىنىڭ ئەرەب دۇنياسىغان بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان :

« مىسىردىكى رەئىس سايلىمى ئاخىرلاشتى. ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ نامزىتى دوكتور مۇھەممەد مۇرسىنىڭ مىسىرنىڭ 5 - نۆۋەتلىك رەئىسى بولىدىغانلىقى كەسكىنلەشتى. بولغۇسى پارلامېنت سايلىمىدىمۇ ئىخۋانۇلمۇسلىمۇن جامائىتىنىڭ كۆپلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقى مۇقەررەر بولماقتا. چۈنكى ئەرەب باھارىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى يۆنىلىشى شۇنداق كېتىپ بارماقتا. يېقىن كېلەچەككە مىسىر، تۇنىس، لىۋىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە مەيلى رەئىس سايلىمىدا بولسۇن، مەيلى پارلامېنت سايلىمىدا بولسۇن، بۇ ئېقىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئەرەب باھارىنىڭ ئالدىدا ئىسلامىي ئېقىمدىكىلەر باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىلەر مول. ئۇلارنىڭ بەزىسى غەلىبە قىلغان بولسا، بەزىسى مەغلۇب بولغان. مەسىلەن: نەجمىدىن ئەرباقان مەغلۇب بولدى ۋە رەجەب تاييىب ئەردۇغان غەلىبە قىلدى. ئەمما ئەردۇغاننىڭ غەلىبىسىنى ئەرباقاننىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ سەمەرىسى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئەردۇغان ئەرباقاننىڭ خاتالىقلىرىدىن دەرس ئالدى ۋە باشقىچە سىياسەت تۇتتى. ئەرباقاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپلا ئىراننى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ھىجابلىق ئايالنى پارلامېنتقا كىرگۈزگەنلىكى ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولغان ئەردۇغان بىلەن ئابدۇللا گۈل ئالدىراپ كەتمىدى ۋە ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن پىلانلىۋالدى. ئەرباقان تۇنجى زىيارىتىنى ئىراندىن باشلىغان بولسا، ئەردۇغان بىرۇسسېلدىن باشلىدى، چۈنكى تۈركلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. مۇھەممەد مۇرسىمۇ شۇنداق چوڭ تاللاش ۋە قىيىن سىناق ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ ئەرباقاننىڭ تۇتقان يولىنى تۇتامدۇ ياكى ئەردۇغاننىڭ يولىنى تۇتامدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ تاللىشى ۋە ئاخىرقى غەلىبىسىنىڭ كېپىلىدۇر.»

مىسىرلىقلارنىڭ تەنتەنىسى

مىسىردا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمى ئەرەب مەتبۇئاتلىرىىنىڭ قىزىق تېمىسى بولماقتا شۇنىڭدەك مىسىرلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۇ ھوقۇقلىرىدىن تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مىسىردىكى بۇ سايلامغا نىسبەتەن تۈرلۈك قاراشلار ۋە باھالار ئېلان قىلىنماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2011 - يىلى 20 - ئىيۇن سانىدا، «مىسىرلىقلار تەنتەنە قىلماقتا» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

« قاھىرە شەھىرىدىكى ئابىدىن سارىيى مىسىرنىڭ5 - نۆۋەتلىك رەئىسىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلانماقتا، مىسىر خەلقى خوشاللىق تەنتەنىسى قىلماقتا. چۈنكى مىسىردا ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلماقتا. مىسىردا 2011 - يىلى مارت ئايدا ئېلان قىلىنغان دەستۇرغا ئاساسەن رەئىس 4 يىللىقتىن ئىككى قېتىملا سايلىنالايدۇ. خەلق ئەسلىدە مىسىردا سىياسى ئىستىبداتنىڭ يوقالغانلىقىنى ۋە يېڭى بىر دېموكراتىك دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ.»

مىسىردىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ2012 - يىلى 20 - ئىيۇن سانىدا، «مىسىردىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

« مىسىردا بىرىنچى جۇمھۇرىيەت 1952 - يىلى، 23 - ئىيۇل كۈنى پادىشالىق تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى رەئىس مۇھەممەد نەجىب ئىدى. ئۇ 1952 - يىلىدىن 1954 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. نەجىبدىن كېيىن جامال ئابدۇنناسىر 1954 - يىلىدىن 1970 - يىلى ئۆلگىنىگە قەدەر، ئاندىن ئەنۋەر سادات 1970 - يىلىدىن1981 - يىلى ئۆلتۈرۈلگىنىگە قەدەر، مۇبارەك بولسا، 1981 - يىلىدىن 2011 - يىلى تەختتىن چۈشۈرۈلگىنىگە قەدەر ھاكىمىيەت سۈردى. ئەمدى مىسىردىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.»

ئەرەب مەتبۇئاتلىرى مىسىرنىڭ يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان يېڭى دۆلەت رەئىسىنىڭ مىسىرنى يېڭى بىر دەۋرگە باشلايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا. ئەلۋەتتە يەنە, ئەرەب مەتبۇئاتلىرىدا ھەر خىل پىكىرلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، چۇنكى سايلامدا ھۈسنى مۇبارەك دەۋرىدىن قالغان نامزات ئەخمەت شافىقنى قوللايدىغانلارنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى تەبىئي ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت