ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «خىتاينىڭ ھەربىي ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت»

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي سېلىنمىسى، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق جاسۇسلۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى داۋىد ھېلۋى. 2012-يىلى 18-ماي.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى داۋىد ھېلۋى. 2012-يىلى 18-ماي.
www.defense.gov

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەنتاگون تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بۇ دوكلات جەمئىي 80 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسى، ھەربىي ئىستراتېگىيىسى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ دائىرىسى، ئورنى ۋە كۈچى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگىچە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي سېلىنمىسى ئامېرىكىنىڭ ئەكسىچە يىلىغا ئىككى خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆرلەپ بارماقتا. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى چېگراسىدىن تولىمۇ ئۇزاق بولغان رايونلارغىچە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋام قىلماقتا. دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھەربىي كۈچىنى ‹يېڭى تارىخى بۇرچ› دەپ ئاتاۋاتقان نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تەرەققىي قىلدۇرماقتا. بۇ نىشان خىتاينىڭ ھازىرقى چېگراسىدىن ئۇزاقتا بولغان بىر قىسىم رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن»

جۈمە كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى داۋىد ھېلۋى مەزكۇر دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئۈستىدىكى بەزى مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە توختالدى.

داۋىد ھىللاي سۆزىدە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ھەربىي ئىشلارغا 180 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارا ئېلان قىلغان رەقەمدىن خېلىلا يۇقىرىلىقىنى ئەسكەرتىپ:
«خىتاي يېڭى ۋە ئىلغار قوراللارغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا، دېڭىز ئاستى پاراخوتى ۋە ئاۋىئاماتكا تېخنىكىسى ھەمدە راداردا كۆرۈنمەيدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان تېخنىكىسىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا. خىتاينىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتقان خەۋپسىزلىك مالىيىسىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان ھەربىي سېلىنمىسىدىن باشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بولۇپ، خىتاي جاسۇسلىرى «دۇنيادىكى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ جاھىل جاسۇسلار» دەپ كۆرسىتىلدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىن سېتىۋالغان ئايروپىلان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ھەربىي تېخنىكىسىنى يېڭىلاشقا ئۇرۇنغاندىن سىرت، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ ۋە جاھىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا «خىتاي گەرچە كېيىنكى يىللاردا ھەربىي ئىشلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش جەھەتتە بىر قەدەر ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىنى قانداق ۋە نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى يەنىلا ئوچۇق ئەمەس. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن شۈبھىلەر جاۋابسىز قالماقتا» دېيىلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ئاساسلىق تەيۋەنگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەربىي تېخنىكىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ ئاساسلىق بۇ نىشاننى مەركەز قىلغان. ئەمما ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ تەيۋەندىن سىرت، ھازىرغىچە يەنە لىۋىيىدىن پۇقرالىرىنى يۆتكەش، ئادەن قولتۇقىدىكى دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم ئىنسانىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنىمۇ قەيت قىلغان ۋە خىتاي گەرچە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ «مۇداپىئەنى ئاساس قىلغان تىنچلىقپەرۋەر زورىيىش» لىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

داۋىد ھېلۋى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ يۇقىرىدىكى گۇمانلار بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئىجابىي بىر قۇدرەت بولۇشى ئۈچۈن يەنىلا پۇرسەت بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:
«بىز خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خىتايدىن ناھايىتى ئۇزاق جايلاردىمۇ ھەرىكەت قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز خىتاي ئارمىيىسى يېڭى نىشانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، يەنىلا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغان پۇرسەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىمىز. بىز خىتايدىن ئۇزاق يەرلەردە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»

داۋىد ھېلۋى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىكى خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت خاككىرلىق تېخنىكىسىغىمۇ ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ تېخنىكىنى ئىنتېرنېت سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپ سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە. داۋىد ھىللاينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە ئامېرىكا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە تېخى يېقىدىنلا بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان خەۋپسىزلىك سۆھبىتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. دۈشەنبە كۈنى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تەبىئىي تەرەققىياتلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت