'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' ئاۋىسترالىيە كىنوخانىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى مەزمۇن قىلغان ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" بۇگۇن 9 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۇنى كەچ سائەت 8 دىن 45 ئۇتكەندە ئاۋىسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدىكى ھەيدىن ئوفىيوم كىنوخانىسىدا رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ
2009-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، Youtube ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، Youtube ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ فىلىم 8 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۇنى مىلبورىن خەلقئارا فىلىم فىستىۋالدا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۈنجى قىتىم ئاۋىستىرالىيە جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئىكراندا رەسمىي قويولۇشى بولۇپ، كىنوخانا خادىملىرىنىڭ ئىيتىشىچە، بىلەت تامامەن سىتىلىپ بولغان ۋە بۇ فىلىم ھەر كۇنى 3 نۇۋەتتىن 3 كۈن قويىلىدىكەن.

بۈگۈنكى "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق فىلىمنىڭ كىنوخانىلاردا تۈنجى قىتىم قويۇلۇشىغا سىېدنىيدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە فىلىم دېرېكتورى جېف دەنىيال قاتناشتى.

فىلىم ئاخىرىدا جېف دەنىيال ئەپەندى ۋە ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئەلا ئەپەندى فىلىم كۇرگۈچىلەرنىڭ سوائالىرىغا جاۋاب بىرىشتى. كۆپچىلىكنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ھاياتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش يولىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە خىتايلارنىڭ زۇلۇملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۇرىدىگەن سوئاللىرى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى.

جېف دەنىيول ئەفەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىم مېلبورىن، ئادىلايد، پېرس قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قويىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت