«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» بۇ يىل ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا رەسمىي قويۇلىدۇ

«مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» نىڭ ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلۇشىنىڭ ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
"ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ
"ﻣﯘﻫﺎﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﯞﺍﺭﺍﻗﭽﯩﺴﻰ
http://www.10conditionsoflove.com/

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى ABC بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىلىك رېژىسسور جېف دانىيال ئىشلىگەن ۋە ئاۋسترالىيە-خىتاي ئارىسىدا دىپلوماتىك سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمنىڭ ABC غا قاراشلىق تور ۋە تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىچىدە رەسمىي قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر فىلىم بۇنىڭدىن 2 يىل ئاۋۋال ئاۋسترالىيىدە قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە تور سىستېمىسىدا قويۇش قارار قىلىنىش تۇنجى قېتىملىقىدۇر.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بېسىمىدا يۇقىرىقى قارارنى چىقارغان. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك سكوتنىڭ يوليورۇق بېرىپ، مەزكۇر فىلىمنى ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتىگە قاراشلىق تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە تورىدا قويۇشنى توسقانلىقى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى 2009 يىلى 8‏-ئايدا «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فىلىمنى چەكلەش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. مېلبۇرن فېستىۋالى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى رابىيە قادىر خانىمغا ئارتقان، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرى ئۇيغۇرلارغا بۇرالغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەچكە بۇ فىلىم كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

رابىيە خانىم بولسا فىلىم فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ۋىزا بەرگەن. كانبېررا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە قۇلاق سالمىغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سوغۇقچىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىگە دىپلوماتىك قاناللار ۋە ئاشكارا يوللار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كانبېررانى ئاگاھلاندۇرغان. خىتاينىڭ مېلبۇرندىكى كونسۇلخانىسى تيەنجىن شەھىرىنىڭ مېلبۇرن بىلەن بولغان «دوستلۇق» مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتىنىڭ «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» نى قويۇش توغرىسىدىكى قارارىغا بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاۋسترالىيە-خىتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە يەنە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر فىلىمنىڭ قويۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ناخوشلۇقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق بۇنى دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق مەخپىي ئىپادىلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ 2009‏-يىلدىكىدەك ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېخىمۇ غۇلغۇلا قوزغىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى مەسئۇلى مارك سكوتنىڭ يوليورۇق بېرىپ، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» نى قويماسلىققا بۇيرۇغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بىر قىسىم ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلار مارك سكوتنىڭ يوليورۇق بەرگەنلىكى راست بولسا بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاۋسترالىيە قىممەت ئۆلچىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مايكېل دانبى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا 10 تۈرلۈك سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مارك سكوتنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. دانبى، مارك سكوتنىڭ ئاۋسترالىيە تورى ئىجرائىيە دىرېكتورى برۇس دوۋېرغا يوليورۇق بېرىپ، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» نى قويۇشنى توسقان، توسمىغانلىقىنى سورىغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە تورى، 40 دىن ئارتۇق دۆلەتكە تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە تور ئارقىلىق خەۋەر تارقىتىدىغان ABC گە قاراشلىق خەلقئارا ئاخبارات ئورگىنىدۇر. مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق پروگرامما يېتەكچىسى رود ۋەب ئۆتكەن يىلى 10‏-دېكابىر ئاۋسترالىيىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاۋسترالىيە» گېزىتىگە ئاشكارىلاپ، ئاۋسترالىيە تورى ئىجرائىيە دىرېكتورى برۇس دوۋېرنىڭ ئۆزىگە يوليورۇق بېرىپ، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق فىلىمنى قويماسلىقنى بۇيرۇغانلىقى ۋە بۇيرۇقنى ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك سكوتنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى مەزكۇر فىلىمنى تارقىتىشنى قارار قىلغان بۇ ۋاقىت دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەدەنىيەت بازىرىدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «قانۇنسىز دىنىي مەزمۇن» تېما قىلىنغان پلاستىنكا قاتارلىق ئۈن-سىن نەشر بۇيۇملىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن. مەدەنىيەت بازىرىدىكى بۇ خىل تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرى، جېف دانىيالنىڭ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى «ئۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى ئىدى.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن ئالىم ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سىياسىي ۋە دىنىي تېمىدىكى پلاستىنكىلارنى تازىلىشى، مەخسۇس نازۇك مەسىلىلەرنى تېما قىلغان كىنو، ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ساتىدىغان ئۇيغۇر يەر ئاستى پلاستىنكا بازارلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» يەر ئاستى مەدەنىيەت بازىرىدىكى بازىرى ئەڭ ئىتتىك پلاستىنكىلارنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت بازىرىنى «تەرتىپكە سېلىش» ھەرىكىتىدە ئۈرۈمچى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق پلاستىنكىنى كۆرگەن ۋە ساقلىغان بەزى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئالىم ئەپەندى، كىشىلەرنىڭ ئۆزى خالىغان تىياتىر، كىنو ياكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈش ھەققى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسى تەبىئىي ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ھەق-ھوقۇقنى رەت قىلىۋاتقانلىقى، بىراق بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى باشلىقى مارك سكوت ۋە ئۇنىڭ قاراشلىق ئاۋسترالىيە تورىنىڭ مەسئۇلى برۇس دوۋېرنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» نى قويۇشنى چەكلىگەنلىكىنى رەت قىلغان. ئاۋسترالىيە ئاخبارات شىركىتى باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى «ئاۋسترالىيە گېزىتى» گە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، «مارك سكوتنىڭ ھېچقاچان ئاۋسترالىيە تورىغا يوليورۇق بېرىپ، مەزكۇر فىلىمنى قويماسلىقنى تەلەپ قىلىپ باقمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. باياناتچىسى، ئاۋسترالىيە تورىنىڭ مەسئۇلى برۇس دوۋېرنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۆزلىرىگە كاپالەت بېرىپ، «مەزكۇر فىلىم بۇ يىل ئىچىدە ئاۋسترالىيە تورى ئارقىلىق تارقىتىلىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورىنىڭ مەزكۇر فىلىمنى تارقىتىش قارارى كېچىككەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنىڭ مۇھىم ئۈلگىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئاۋسترالىيە تورى مەزكۇر فىلىمنى تارقىتىش رۇخسەتنامىسىنى سەيشەنبە كۈنى يېڭىلىغان. مەزكۇر فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جون لېۋىس «ئاۋسترالىيە» گېزىتىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ABC نىڭ مەزكۇر فىلىمنى تارقىتىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان تېخىمۇ كەڭ قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جون لېۋىس «ئاۋسترالىيە» گېزىتىدىكى سۆزىدە ئەسكەرتىپ، «ئەگەر سىز خىتايغا كۆرسەتمەكچى بولغان نەرسىنى تاللاش ۋە سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۆرسەتسىڭىز، ئاۋسترالىيە ئاخبارات تورى قانداقمۇ مۇشۇ رايوندىكى نورۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولالايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت