قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى خەيرىنسا تۇردىيىۋا مۇكاپاتلاندى

2006-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتە قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان قارمىقىدىكى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى خەيرىنسا تۇردىيىۋا مۇكاپاتلانغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قارمىقىدىكى" تەڭرىتاغ" پروگراممىسى ھەپتىدە بىر سائەتلىك پروگرامما بېرىدىغان بۇ دۆلەتتىكى بىردىن بىر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت