«دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» دالا سەيلىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

«20-ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرۇلغان دالا سەيلىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى دالا سەيلىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2012-يىلى 16-ئىيۇن.
ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى دالا سەيلىسى پائالىيىتىگە قاتناشتى. 2012-يىلى 16-ئىيۇن.
RFA/Arslan

پائالىيەتنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر، چېچەن، ئافغان، ئۆزبېك، ئىراق ۋە سۈرىيە، سومالى ۋە كافكازىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆچمەن-مۇساپىرلار قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى دالا سەيلىسى پائالىيىتىگە ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئاياللار ۋە بالىلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان 500 گە يېقىن ئادەم ئىشتىراك قىلدى.dala-seylisi-istanbul-osmurler-385.jpg

IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەمەت يورغانجى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان چەتئەللىك مۇساپىرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارغا ئۆتمۈشتە ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكەن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەسەللى بېرىش، ئۇلارنىڭ روھىي-كەيپىياتنى ياخشىلاش ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ئوينىتىش، ئۇلارنى بىردەم بولسىمۇ ئۆتمۈشتە بېشىدىن ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ئۇزاق تۇتۇپ خۇشال قىلىش مەقسىتىدە بۇ خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.

كۆچمەن-مۇساپىرلار دالا سەيلىسى پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ 7 چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئەتىگەن سائەتلەردە يېتىپ كەلدى. دالا سەيلىسى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئارناۋۇت كۆيدىكى سىناكلى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ھەر خىل پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ناخشا ئوقۇپ، ئۇسۇل ئوينىدى، ئېگىزگە چىقىش، سەكرەش، سىيرىلىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ خۇشاللىققا چۆمدى.

چوڭلار ئۈچۈن قول قايرىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى ۋە 1-، 2-، ۋە 3-بولغانلار مۇكاپاتلاندى. پائالىيەت قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە ئاخىرلاشتى.

IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى 2011-يىلى مۇساپىرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتىدا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

2000-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان كۆچمەن-مۇساپىرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى 20-ئىيۇننى «دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئىستانبۇلدا كۆچمەن-مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەرنى توپلاپ دالا سەيلىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن، مۆمىنجان ۋە مۇنەۋۋەر قاتارلىقلار پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت