قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مۇستەقىللىق كۈنى مۇراسىمىغا قاتناشتى

2006-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

31- ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بېشكەكتە كاتتا مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بېشكەكتىكى ئارمىيە، خەلق پاراتتىن ئۆتكەن. پاراتتىن ئۆتكەنلەر قاتارىدا ھەر مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارمۇ بايرام مۇراسىمىدا پاراتتىن ئۆتكەن. بىر توپ ئۇيغۇر ئاياللىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ سىمۋولى بولغان كۆك رەڭدىن كۆڭلەك كىيىپ مەيداندىن ئۆتكەندە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت