ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىۋاتىدۇ

2008-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى تۈپەيلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىدىغان ياكى بايقۇت قىلىش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ. پەيشەنبە كۈنى يەنە بىر ياۋروپا دۆلىتى ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىچىدە 8 ‏- ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىدىغانلار كۆپەيسە، بۇ ھازىرغا قەدەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئۈچۈن زور بېسىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بايقۇت قىلىشنى ئېلان قىلغان دۆلەت ۋە شەخسلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ 8 ‏- ئاۋغۇستتىكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش پىلانىدا ھازىرغا قەدەر بىرەر ئۆزگىرىش بولمىدى. لېكىن غەرب ئەللىرىدە ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغان دۆلەتلەر كۆپەيسە، بۇ، دۇنياغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى تارقىتىش ۋەدىسى بېرىپ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت بۇش ئۈچۈن زور بېسىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى سىياسىتى تۈپەيلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىمالى ياكى بايقۇت قىلىشنى ئېلان قىلغان دۆلەت ۋە شەخسلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دۆلەتلەر ئىچىدە فرانسىيە بىلەن بېلگىيە بار بولۇپ، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي " پۈتۈن ئېھتىماللىقلارنىڭ كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى " نى بىلدۈرگەن ئىدى. پەيشەنبە كۈنى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا پولشا بىلەن چېخىيە قېتىلدى. كۆزەتكۈچىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى پولشانىڭ جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى سلوۋېنىيىدە تىبەت ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلماقچى بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى، ئەتىكى يىغىندا چىقىدىغان قارار خىتاي ئۈچۈن خۇشخەۋەر بولمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالامدۇ، دەپ قاراشماقتا. پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسكىي پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ، پولشانىڭ " زىننېك خەۋەرلەر" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا "مەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ھەۋەس قىلمايمەن " دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا "سىياسەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشى توغرا ئەمەس " دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" چوڭ دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش رولى زور بولىدۇ "

چېخىيىنىڭ پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ كلائۇس بولسا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ قاتناشمىغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر بېسىم ھېسابلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بەزى كىچىك دۆلەتلەردىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمىغانلىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش رولى ئوينايدىغان ياكى ئوينىمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس " دەپ تەكىتلىگەن دونالد كلائۇس چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رولىنى ئىما قىلىپ، " نوپۇسى بىزگە قارىغاندا 130 ھەسسە كۆپ دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش رولى زور بولىدۇ " دەيدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ كلائۇسنىڭ ئولىمپىك بايقۇتىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ، " مەلۇم دۆلەت سىياسەتچىسىنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىقى، ئۇنىڭ شۇ دۆلەت ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن جاۋابى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇنىڭغا باھا بەرمەيمەن" دەپ تەكىتلىگەن. چېخىيە ئولىمپىك كومىتېتى بولسا پرېزىدېنت كلائۇسنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت كلائۇس، پراگا شەھەر باشلىقى، چېخىيە مائارىپ مىنىستىرى ۋە مۇھىت مىنىستىرىدىن كېيىن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلغان 4 ‏- نەپەر چېخىيىلىك سىياسەتچىدۇر.

" خىتاي دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەك "

غەرب دۆلەتلىرىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنىڭ كۈچىيىشى پرېزىدېنت بۇشنىڭ چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا تېلېفون قىلىپ، تىبەت ۋەزىيىتىگە ئەندىشە بىلەن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى خۇنىڭ سەمىگە سېلىشىغا تۈرتكە بولدى. پرېزىدېنت بۇشنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى ستىپان خاردلېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇش تېلېفون سۆھبىتىدە "تىبەتتىكى زوراۋانلىقتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى لازىملىقى ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ناھايىتى كۈچلۈك تۈردە ئوتتۇرىغا قويغان " . خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇشنىڭ سۆھبىتىگە باھا بېرىپ، خۇنىڭ بېيجىڭ تىبەت روھانى داھىيسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قارارىغا كېلىشتىن بۇرۇن، دالاي لاما ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا "بۇزغۇنچىلىق" قىلىشنى توختاتسۇن، دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا بېسىم ئولىمپىك مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. ئۇ يەنە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىبەتتىكى ۋەقە ئۈستىدە خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە پاكىستان، مىسىر ۋە سىرىلانكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كېڭەشنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىگە دائىر مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. ئاۋستىرالىيە، ئامېرىكا، سلوۋېنىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چارشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تىبەت ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپى بەرگەن، لېكىن خىتاي، پاكىستان، مىسىر ۋە سېرىلانكىلار يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئايرىم بىر ۋەقە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا قارشى چىققان.

" دالاي لاما تىبەتكە قايتىپ كەلسۇن، بىز ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمىز "

خىتاي لخاسا شەھىرىنىڭ ئومۇمى تەرتىپى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن لخاسا شەھىرىدە تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقى توختىدى دېگىلى بولمايتتى. خىتاي ئالدىنقى كۈنى چەتئەللىكلەرنى ئاساس قىلغان 28 كىشىلىك لخاسانى زىيارەت قىلىش مۇخبىرلار ئۆمىكى تەشكىللىگەن ئىدى. مۇخبىرلارنى پەيشەنبە كۈنى لخاسادىكى جوكاڭ ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئىبادەتخانىدىكى 30 نەپەر راھىب خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

بەزى راھىبلار " تىبەت ئەركىن ئەمەس " دېگەن، مۇخبىرلارنىڭ تىبەتتىكى ۋەقەنى تاشقى دۇنياغا ئەينەن يەتكۈزۈشىنى، دائىرىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى دالاي لاماغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيارەت ئۆمىكىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرى بىر راھىبنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغانلىقىنى، يەنە بىر راھىبنىڭ "لخاسادىكى ۋەقە بىلەن دالاي لامانىڭ ئالاقىسى يوق " دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تەيۋەن دۇڭسېن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى بىر راھىبنىڭ ئۆمەكتىكى بىر كومپارتىيە ئەمەلدارىنى " يالغانچى " دەپ تىللىغانلىقىنى، راھىپلارنىڭ " دالاي لاما تىبەتكە قايتىپ كەلسۇن، بىز ئەركىنلىك تەلەپ قىلىمىز " دەپ شۇئار توۋلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

خەلقئارا ئاخبارات بىرلەشمىسى پەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇخبىرلارنى تاللاپ تىبەتنى زىيارەت قىلدۇرغانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت، دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر ئورگان خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ۋەدىسىگە خىلاپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت