ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي

2007-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن يەنى18 - ماي31 - نۆۋەتلىك خەلقارا مۇزېي كۈنى، مول ۋە قەدىمىي مەدەنىي مىراسلارغا باي بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ، تۇنجى مۇزېي بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي 1959 - يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە قۇرۇلغان ئىدى.

تارىخىي مەدەنىي مىراسلارنى ساقلاش، تەتقىق قىلىش،ۋە كۆرسىتىشنى بىر گەۋدە قىلغان مۇزېي - ئەۋلاتلارغا مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئوبرازلىق ئېلىپ بارىدىغان ئۇنۋېرسال دەرسخانا. شۇنداقلا، يىپەك يولى، تارىم مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى دۇنيا زىيارەتچىلىرىگە نىسبەتەن غەربىي يۇرتنىڭ تارىخىي سىرلىرىنى ئاچىدىغان جاھان ئەينىكىدەك روللارنى ئويناپ كەلمەكتە.

خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات ساھەسىنىڭ كونتروللىقىدىكى بۇ مۇزېي، ئەلۋەتتە بۇ ئەللىك يىللىق مۇساپە جەريانىدا، ئاز بولمىغان ئىسسىق سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزدى.

مۇزېينىڭ قۇرۇلۇش تارىخى

18 - ئەسىرلەردە ناپولېئون مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا، فرانسىيە تارىخ ئالىملىرىنى بىرگە ئېلىپ بارغان ئىكەن،ئۇ ئۇرۇش قىلىپ مىسىر ئىسپانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىۋالغاندا بۇ قەدىمىي تارىخقا ئىگە دۆلەتلەردىكى يادىكارلىقلارنى يىغىپ كېلىپ مەخسۇس ساقلىغان ھەم تەتقىق قىلدۇرغان. مانا بۇ تارىخىي ماتېرىياللاردا ساقلانغان ئەڭ بۇرۇنقى مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى مۇزېي ھېسابلانغان، ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ غەربىي شىمال يولىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي 1953 - يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ 1959- يىلى رەسمى ئېچىلىشقا باشلىغان. ئۇ دەسلەپ ئېچىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دېھقانچىلىق تارىخىي كۆرگەزمىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ 1962 - يىلىدىن ئېتىبارەن، مەدەنىي مىراسلارنى ساقلاش بۆلۈمى، كۆرگەزمە بۆلىمى، ئارخىئولوگىيە بۆلۈمى، ئارخىلوگىيىلىك قېزىلمىلارنى تېخنىكىلىق ساقلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈملىرى قاتارلىق ئون توققۇز ئاساسلىق تارماقتىن تەركىپ تاپقان رەسمىي ئۆلچەملىك مۇزېي سۈپىتىدە زىيارەتچىلەرگە ئېچىلغان.

مۇزېي ئىنگلىزچە رېپېوزىتورى دېگەن يەنى ساقلاش مەنىسىدىكى سۆزدىن كەلگەن بولۇپ،ياۋروپادىكى ئەدەبىيات سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدە شۇ دەۋىردىكى مەشھۇرلار تەرىپىدىن مۇزىىيىم سۆزى بېكىتىلگەن.مۇزىىيىم سۆزى كەڭ مەنىدە ئالغاندا قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ساقلايدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.

شۇڭىمۇ تارىخىي مۇزېيلارنىڭ مەنبەسىنى ئارخىلوگىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ،مۇزېينىڭ ئاساسىي تارىخىي مىسرالاردۇر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي مۇزېينىڭ بارلىققا كېلىشىگىمۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارخىلوگىيىلىك خادىملىرىنىڭ قان تەرلىرى سىڭگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇزىينى قۇرۇشتا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر يۈرۈشىشىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر ئارخىلوگلار ھەمدە تەتقىقاتچى ۋە كۆرگەزمە چۈشەندۈرگۈچىلىرى ئىگىللىسىمۇ رەھبىرى كادىرلار قاتلىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا خىتايلاردىن تەركىپ تاپماقتا ئىكەن.

مۇزېيدا ئوغرىنىڭ ئىشىك باقار بولىشى

بۇ مۇزېينىڭ يېشىل گۈمبەزلىك، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ھەم كۆركەم ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلاردىن ھېسابلىناتتى. ئۇ ھەتتا 1964 -يىلىدىكى 6.6 بال يەر تەۋرەشتىمۇ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان مۇستەھكەم قۇرۇلۇش ئىدى.

ئەپسۇس ئەللىك يىلدىن بېرى كۆركەم قەددىنى رۇسلاپ تۇرغان مۇزېي بىناسى نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن2000 - يىلى8 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئونلىغان كىرانلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى بىلەن بىر قانچە كۈنگە قالماي خارابىلىققا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇلدى. مۇزېينىڭ مەلۇم خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەينى چاغدا مەزكۇر مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىدا قان تەرىنى تۆككەن پېشقەدەملەر كۆز ياش قىلىشقان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ ھەم مۇكەممەل بولغان مەزكۇر تارىخىي مۇزېي بىناسىنىڭ " كىچىك بولۇپ قالدى، كونىراپ قالدى " دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن چېقىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان ئىدى. 2003 - يىلى6 - ئاينىڭ27 - كۈنى ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى سوتتا مۇزېينىڭ باشلىقى دۇ گېنچىڭنىڭ جاۋابكار بولۇپ سوتلىنىشى بىلەن مۇزېينىڭ چېقىۋىتىلىشى ھەتتا ئىلگىرى بىر قانچە قېتىملىق ئوغرىلىنىشىنىڭ سىرلىرى پاش بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورگان بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارىخىي مۇزېينىڭ باشلىقلىقىغا قويۇلغان دۇ گېنچېڭ، يېڭى مۇزېي بىناسى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدىلا دۆلەت ئاجراتقان يېڭى مۇزېي قۇرۇش مەبلىغىدىن ئىككى يۈز سەككىز مىڭ يۈەنگە خىيانەت قىلغان.

ئۇ يەنە 1997- ھەمدە 1998 - يىللىرى مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان 100دىن ئارتۇق ئاسارە ئەتىقىنى چىرىپ كەتكەن ياخشى ساقلانمىغانلىقى سەۋەبلىك قۇرۇتلىغان دېگەندەك سەۋەب بىلەن مەخپى ھالدا بىر تەرەپ قىلغان. يەنە 2002 - يىلى9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان مەزكۇر مۇزېيدىن توققۇز خىل مەشھۇر ئاسارە ئەتىقە بۇيۇملىرىنىڭ ئوغۇرلىنىش ۋەقەسىنىڭمۇ، دۇ گېنچېڭنىڭ پىلانى بىلەن بولغانلىقى ئاشكارلىنىپ ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئەمما ئۇنىڭ قولى بىلەن نابۇت قىلىنغان، سېتىۋېتىلگەن ئاسارە ئەتىقىلەرنى تېپىپ، قايتۇرۇپ ئەسلىگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىن ئەمەس بىر تارىخىي پاجىئەگە ئايلاندى.

ھازىرقى يېڭى مۇزېي

خىتاي دائىرلىرى 2005 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېڭى قىياپەت بىلەن ئېچىلدى دەپ ئېلان قىلدى. ھازىرقى ئىككى قەۋەتلىك، ئومۇمىي كۆلىمى 17مىڭ 288 كۇپ مېتىر كېلىدىغان مۇزېينىڭ كۆرگەزمە بۆلۈمى، تارىخىي قېزىلمىلار كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر ئۆرۈپ ئادەت كۆرگەزمىسى، ۋە قەدىمىي جەسەتلەر كۆرگەزمىسى ھەمدە شىنجاڭ ئىنقىلاپ تارىخى كۆرگەزمىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

ئۇيغۇر ئېلى تارىخىي مۇزېيىغا قويۇلغان تارىم ۋادىسى، نىيە خارابىسى، مىران قەدىمىي شەھىرى، كىروران قەدىمىي شەھەرلىرىدىن تېپىلغان،تاش- قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ مىس ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن، مىلادىيىدىن كېيىنكى دەۋرلەرگىچە بولغان دەۋرلەر تارىخلىرىغا ئائىت قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەر،بولۇپمۇ ئالتە مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قۇرۇق جەسەت كىروران گۈزىلى، مىڭ ئۆي بۇددىزم مەدەنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار، لوپنور كىروران قەدىمىي قەبرىلەردىن تېپىلغان ئۈچ مىڭ يىللارچە تارىخقا ئىگە بۇغداي، باشاق ھەم دانلىرى، تېرىق،رەڭدار يۇڭ توقۇلما كىيىم- كېچەك، قۇمۇل قەدىمقى شەھەر، تۇرپان پىچاندىن تېپىلغان ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى خۇرۇم كىيىملەر، دۇنيا ئىنسان مەدىنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ئارخىلوگلار ساھەسىنى زىل زىلزىلىگە سالغان، دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىگە خاس بولغان بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار، پۈتۈن دۇنيا ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك بايلىقلار سۈپىتىدە ئون يىلدىن بۇيان يەنە ياپونىيە،ئامېرىكا، مالايسىيا، خوڭكوڭ ھەمدە باشقا ياۋرۇپا ئەللىرىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ كەلمەكتە.

مۇزېينىڭ ئۆلچىمى

خەلقارا مۇزېي جەمىيىتى يەنى ecomمۇزېي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى1946 - ب د ت قارمىقىدا 1946 - يىلى 11 - ئايدا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتقا 70- يىللارغىچە يۈز نەچچە دۆلەتتىن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق مۇزېي ئەزا بولغان. 1974 - يىلى كوبىنھاگىن خەلقئارالىق مۇزېي جەمىيىتى يىغىنىدا ماقۇللانغان نىزامنامىسىدا"مۇزېي "دېگەن ئاتالغۇغا تەبىر بېرىلىپ ‏- مۇزېي پايدا قوغلاشمايدىغان،جەمىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاشكارا، مەڭگۈلۈك ئاپپارات دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇ ئىنسانىيەت ھەمدە ئۇنىڭ مۇھىتىنىڭ شاھىتلىرى بولغان نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ، يىغىدۇ، ساقلايدۇ، تارقىتىدۇ، بولۇپمۇ تەتقىقات مائارىپ، ۋە مەيلى ساياھەت مەقسەتلىرى ئۈچۈن تەمىن ئېتىپ بېرىدۇ دەپ روشەن بەلگىلەنگەن.

ئومۇمەن مۇزېينىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى، مۇزېيلار مەدىنىيەت يادىكارلىقلارنى ئاساسلىق يىغىپ ساقلىغۇچى ئاپپارات ۋە تەشۋىق، تەربىيە ھەم ئىلمىي تەتقىق قىلىدىغان ئاپپارات. مۇشۇنداق خاراكتېرلار مۇزېينىڭ ئىچكى قىسمىدا بولۇشقا تېگىشلىك قانۇنىيەت.

بايراملىق تىلەك

ئۇيغۇر ئېلىدا تۇنجى مۇزېي قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر بولغان ئەللىك يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان مۇزېيلار 23 كە يەتتى. بىز خەلقئارالىق مۇزېي كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي ۋە مەدىنىي مۇزېيلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،خاراكتېرى ھەم بىخەتەرلىكىنى ساقلىغان ھالدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ كۆپ زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا مۇزېي خادىملىرىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت