ياپونلۇق تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەكلىپى(1)

2006-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى نائوكو خانىم بۇندىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيىدىكى باش شتابىغا كېلىپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭ قايتىپ بېرىپ، ياپونىيە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدىكى خاتىرىسى، ياپونىيە خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە ئۇنىڭ ئەسىرى بېسىلغان گېزىتنىڭ تارقىلىش تىراجى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرگەن

خىتايچىنى راۋان سۆزلەيدىغان بۇ ياپونلۇق ئايالنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دەردى ۋە مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسى قاچاقلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان بۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئىچكى جەھەتتىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە بىخەتەرلىك مىنىستېرلىكى خادىملىرى، بۇ سەۋەبلىك نائوكو خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

نائوكو خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيىنىڭ مەشھۇر بىر گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە قانداق قېيىن – قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە زۇلۇملار بىر قەدەر كەڭ بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، بۇ ئەسەردە يەنە د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە د ئۇ ق نىڭ باشقا خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ ئەسەر ھەققىدە توختىلىپ، "چەت`ئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىشى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ".

نائوكو خانىم، شۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتىدىن كېيىن، تۈركىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىم 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، نائوكو خانىم گېرمانىيىگە قايتا كېلىپ، 9 – ئاينىڭ 3 – كۈنى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن قۇرۇلتاي باش شىتابىدا يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان سورۇندا، بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى سوراش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارغا قائىززىقىدىغانلار كۆپ، بىراق ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىدىغانلار ئاز

ئۇيغۇرلارغا بولغان ھەۋىسى، بىر ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن تونۇشۇپ قېلىشتىن باشلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نائوكو خانىمنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيىدە ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا قىزىققۇچىلارنىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئىكەن. ئەمما ياپون ياشلىرىنى ئاساسى مەركەز قىلغان بۇ ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ھىچ چۈشەنمەيدىكەن. ئەينى يىللىرى، ياپونلۇقلار تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن "يىپەك يولى" قاتارلىق ئىككى فىلىم ياپونىيىدە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ياپونلۇقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ياپونلۇقلارغا ئۇيغۇرلارنى ھەقىقى چۈشىنىش پۇرسىتى ھازىرغىچە نېسىپ بولمىغان. ياپونلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ساياھەتلىرىمۇ، ئۇيغۇرلارنى بىلىش مەقسىدىگە يەتكۈزەلمەيدىكەن. سىرتقى ھالىتىدىن بىر قاراش بىلەنلا، دەردى يۈرىكىگە كۆمۈلگەن ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

نائوكو خانىم، "بۈگۈن تىبەتلىكلەرنى بىلمەيدىغان ياپونلۇق يوق، ئەمما ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ياپونلۇقلار كۆپ ئەمەس" دېدى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارىتا تۇنجى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت`ئەللەردىكى د ئۇ ق غا ئوخشاش مەركىزى تەشكىلاتلارنىڭ ياپون خەلقىگە بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى زور بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نائوكو خانىم: ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەققى بار

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نائوكو خانىمدىن " ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە سىز قانداق قارايسىز؟" دېگەن سوئالنى سوراشنى ئۇنۇتمىدۇق. بۇ سوئالىمىزغا، نائوكو خانىمدىن شۇنداق جاۋاپ ئالدۇق:

"ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن بىر مەدەنىي مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەققى بار. مەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمەن ۋە ئۇنى قوللايمەن".

نائوكو خانىمنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، خىتاينىڭ ھازىر ئۆز ئىھتىياجلىرىغا كۆرە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق دەۋرىگە ئوخشاش بىر مۇھىتتا تۇرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن خەتەرلىك بىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كىرەكلىكى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇستەقىللىققا ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنى كېلەركى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. (ئەكرەم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت