خاباروۋسىكىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيمەكتە

2005-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
bulghunish-songhuajiang.jpg
25- نويابىر كۈنى بىر بېلىقچى خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان سونغۇئاجىئاڭ دەرياسىدىن قىيىقىنىتارماقتا. AFP

خىتاينىڭ جىلىندىكى بىر خىمىيىلىك زاۋۇتى پارتلاپ كېتىش بىلەن كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلار سوڭخۇئاجاڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىپ، مەزكۇر زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ خاباروۋسك چېگرا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەندىشىسى ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتلىرى كۈنسايىن ئۇلغايماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ چارە-تەدبىرلەرنى قوللانماقتا

بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر خىمىيىلىك زاۋۇت پارتلاپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ سوڭخۇئاجاڭ دەرياسىغا ئېقىپ كىرىپ كېتىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر دەريانىڭ خىتاي-رۇسىيە چېگرىسىدىكى ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئامۇر دەرياسى ۋادىسىدىكى خاباروۋسك شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر قايسى چوڭ كىچىك شەھەر ھەم يېزىلاردا ياشايدىغان رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق ئەندىشىسى كېلىپ چىققان ئىدى.

بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمەت ھەم خەلقلەر مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ سەلبىي ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي رەھبەرلىرى مەزكۇر بۇلغىنىش تۈپەيلىدىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سوراپ ، مۇناسىۋەتلىك ياردەملەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بەرگەن شۇنىڭدەك ئىچكى جەھەتتە ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم رەھبىرىي خادىملارنى جازالاش ھەم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئېلىپ بارغان . بۇنىڭ تىپىك مىسالى خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىشىدۇر. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان، راك كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان زەھەرلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان رۇسىيىلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلالىغىنى يوق.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامۇر دەرياسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىكى سوڭخۇئاجاڭ دەرياسى بىلەن قوشۇلىدىغان يېرىدىكى فۇيۇئەن دېگەن جايغا ئۇزۇنلۇقى 450 مېتىر كېلىدىغان ۋاقىتلىق دامبا قۇرۇشنى باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر سۇ توسىقى ئارقىلىق خىتاي تەرەپتىن ئېقىپ كېلىۋاتقان زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئامۇر دەرياسىنىڭ رۇسىيىدىكى قىسىمىغا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى مەلۇم دەرىجىدە ئالغىلى بولىدىكەن. خىتاي تەرەپ پەقەت 3-4 كۈن ئىچىدە مەزكۇر دامبىنى قۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زەھەرلىك ماددىلار رۇسىيە تەۋەسىگە كىرىپ بولغان

رۇسىيىنىڭ www.news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ زەھەرلىك ماددىلار رۇسىيىنىڭ يەھۇدىي ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە ئېقىپ كىرگەنلىكى سېزىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ خاباروۋسك شەھىرىگە يېتىپ كېلىشىگە يەنە 160 كىلومېتىر بار ئىكەن.

مەزكۇر رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاباروۋسك چېگرا رايونىنىڭ گۇبېرناتورى ۋىكتور ئىشايېۋ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاباروۋسك رايونىدا بەلكى ئاھالىلارنىڭ يۇيۇنۇشى ھەم باشقا ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئىسسىق سۇنىڭمۇ توختىتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. گەرچە خىتاي تەرەپ ئىلگىرى رۇسىيىگە ۋاقتى-ۋاقتىدا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، رۇسىيە بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خاباروۋسك گۇبېرناتورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخى ھازىرغىچە خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزمىگەن.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن سۇ ئېلىپ، سۇنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرگەندە دەسلەپكى قەدەمدە خىتايدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى سەزگەن.

ئامۇر دەرياسى ۋادىسىدا بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن

رۇسىيىنىڭ www.news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خاباروۋسك ھۆكۈمىتى ئىككى يىلغىچە، ئامۇر دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلىگەن بولۇپ، چۈنكى بۇ دەريانىڭ بېلىقلىرىنىڭ زەھەرلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن دەريا بويىدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان، ھەتتا ئامۇر دەرياسى بويىدا ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەت نانايلارنىڭ ئەھۋالى يامانلاشقان بولۇپ، چۈنكى، بۇ خەلق پەقەت بېلىقچىلىق بىلەنلا ھايات كەچۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن بېلىق ئۇلارنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكى ھەم تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان ئىكەن.

خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچەيمەكتە

www.news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خاباروۋكسكىدىكى خەلقلەرنىڭ خىتايغا قارشى كەپىياتى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەر خىل ئىكەن. مەزكۇر جايلاردا زور ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى پەيدا بولۇپ، سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان،ئۇلار مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇلۇشلارنى كۆتىرە ئالغان شۇنىڭدەك يەنە خاباروۋسك شەھىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم –كېچەك بازارلىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىنىپ قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇ تۈرلۈك ئەھۋاللار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا خىتايغا قارشى ئالدىنقى سەپ بولغان خاباروۋسكىدىكى خەلقلەرنىڭ ئەسلىدىن مەۋجۇت خىتايغا قارشى كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغان. بۇ قېتىمقى دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى خىتايغا قارشى كەيپىياتلارنى تېخى ئاشۇرغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، www.news.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامۇر دەرياسى ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار ئاجراتقانلىقى ھەمدە كېلەر يىلى بىر يېرىم مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەر تارقالغان.بىراق، رۇسىيىلىكلەر بۇنىڭ ئامۇر دەرياسى ۋادىسىنى جۈملىدىن بۇ جايلاردىكى خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. "نېۋسرۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىمىيىلىك دورىلارنىڭ ئامۇر دەرياسىغا ئېقىپ كىرىش ئەھۋالى ئەسلىدىن 1996-يىلى سېزىلگەن بولۇپ، ئەشۇ چاغدا بېلىقچىلار بېلىقلاردىن خىمىيىلىك دورىلار پۇرىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىكەن. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بېلىقلارنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلىدىن ھەتتا ئۇنى مۈشۈكمۇ يېمىگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت