شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە

2007-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى ياندﯤ خوپ سخېففېر موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن قاتارلىق رۇسىيە ھەربىي -سىياسىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى-رۇسىيە ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ھەربىي سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەم نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

دۈشمەنلىشىشتىن ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىش

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى( ناتو) ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن باشلانغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە قارشى قۇرۇلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىتتىپاقى بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تەخمىنەن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىركىشىپ، ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەقىبىگە ئايلانغان ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى ھەمدە بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ناتو ‏- رۇسىيە ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا رەسمىي ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

لېكىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى داۋاملىق شەرققە كېڭىيىپ، بىر قىسىم سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى ئۆز تەركىبىگە كىرگۈزۈپ، ئوز چېگرىسىنى بىۋاسىتە رۇسىيىگە تۇتاشتۇردى. گەرچە, رۇسىيە بۇنىڭدىن نارازى بولسىمۇ، لېكىن بەرىبىر ناتو بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ناتو باش سېكرىتارىغا " شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ قىسقىغىنا تارىخىي ئەھمىيەتلىك پەيتتە، رۇسىيە بىلەن ناتونىڭ مۇناسىۋەتلىرىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولدى. ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇرۇنقى قارشىلىشىشتىن ھازىرقى ھەمكارلىشىشقا ئۆزگەردى، ھەمكارلىشىش دائىرىمىز كەڭ ، قىلىدىغان ئىشلارمۇ كوپ، شۇڭا بۇ جەرياندا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال" دەپ بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، ناتو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى ئاساسلىقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ، گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىننىڭ ناتوغا كىرىش شۇنىڭدەك كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە مۇۋاپىق ھەل قىلىش يولى ئىزدىمەكتە.

بۇ قېتىم ناتو باش سېكرىتارى ياندﯤ خوپ سخېففېر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلىشىپ، ئازەربەيجاندىكى رادار سىستېمىسىنى ئىشلىتىش پىلانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدىغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ بۇ خىل پىلانى ئارقىلىق يەنى پەقەت ئازەربەيجاندىكى مەزكۇر سىستېمىغا تايىنىپلا ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ راكېتا ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نەتىجىدە, پۇتىنمۇ بىر قانچە يېڭى لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىغاندا، ناتو باش سېكرىتارى يەنە پرېزىدېنت پۇتىننىڭ يېقىندا رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنڭ ياۋروپانى نىشانلايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ناتونىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىكىنى كۆرسەتكەن، رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر پىلانى مەسىلىسىدە ئىلگىرى قاتتىق بولغان بولسا، ھازىر يۇمشىغان ھەمدە ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن ھەمكارلىشىشقا رازى بولغان.

كوسوۋا مەسىلىسى

رۇسىيە كوسوۋا مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنىڭ مەيدانىغا قارشى چىققان بولۇپ، موسكۋا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماي، ئۇنى سېربىيىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان بىر ئۆلكىسى دەپ ھېسابلىغان.

بۇ قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش سېكرىتارى ناتونىڭ رۇسىيىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە تۇتقان پوزىتسىيىگە نارازى ئىكەنلىكىنى، رۇسىيىنىڭ ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، قىسقىسى ناتونىڭ رۇسىيىدىن كوسوۋا مۇستەقىللىق لايىھىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ ھەقىقىي رەقىبى كىم؟

نۆۋەتتە، رۇسىيە ئىستراتېگىيىچىلىرى رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغان ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى كۈچنىڭ كىم بولۇشى ھەققىدە تۈرلۈك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر كەلگۈسىدە خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشسا، يەنە بەزىلەر ئىران, ناتو ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

رۇسىيە ھەربىي ئىستراتېگىيىچىسى كاراخانوف ناتونىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قىلالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. " ياۋروپا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلارغا قاتناشمايدۇ، رۇسىيە ناتودىن قورقماسلىقى لازىم" دەيدۇ كاراخانوف.

بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى رۇسىيىنىڭ ناتونى ئۆزىگە تەھدىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ناتو نىڭ شەرققە كېڭىيىشىدىن ھەقىقىي يوسۇندا ئەندىشە قىلىدىغان خىتاي بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي نارازىلىقلىرى كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېنىدىكى قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستاندا ئامېرىكا جۈملىدىن ناتونىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن رۇسىيىنىڭ بۇ خىل غەربدىن ئەندىشە قىلىش ئىدىيىسىنى قوللاۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكتە. نۆۋەتتە، رۇسىيە ئەڭ ئىلغار بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارى ۋە كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرغان ، بۇمۇ غەربنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئىيۇل ئېيىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئەنە شۇ بىر قاتار ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشىدىكەن. بۇ ئۇچىرىشىشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى جۈملىدىن ناتو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينىشى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت