نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ كۆيئوغلى راخەت ئالىيىف ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى ئەيىبلەندى

2007-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نەزەربايېفنىڭ كۆيئوغلى راخەت ئالىيىف ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسىنى قازاقىستان نۇربانك بانكىسىنىڭ سابىق ئىككى خادىمىنىڭ گۆرەگە ئېلىنىش ۋەقەسىى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلار ھەققىدە جىنايى دېلو تۇرغۇزدى.

ۋەقەنىڭ جەريانلىرى

قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باغداد خوجائەخمەتوف، قازاقىستاننىڭ ئاۋستىرىيىدىكى باش ئەلچىسى بولغان راخەت ئالىيىف ۋە ئىككى ياردەمچىسىنى 18‏- ۋە 19‏- يانۋار كۈنلىرى گۆرۈگە ئېلىنغان قازاقىستاننىڭ نۇربانك بانكسىنىڭ سابىق ئىككى خادىمىنىڭ گۆرۆگە ئېلىنىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن.

قازاقسىتان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خوجائەخمەتوف چارشەنبە كۈنى ئاستانادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ مەزكۇر گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى توغرىسىدا قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى ۋە باش تەپتىشىگە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى بولغان ئابىلماجىن گېلىموف تېپىلغان بولۇپ، ئۇ ئىقتسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان، لېكىن جولداش تىمرالىيىف ھازىرغىچە ئىز-دېرەكسىز غايىب ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېلىموف سوتتا، قوللىرىغا كويزا سېلىنغان ھالدا ئەلىيىف ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ۋە مال -مۈلۈكلىرىنى ئەلىيىفغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلىيىف ئۆتكەن ھەپتە گېلىموفنىڭ سوتتا ئېيتقانلىرىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

نۇر سۇلتان نەزەربايىفنىڭ قىزى دارىغا نەزەربايىفنىڭ يولدىشى بولغان ئەلىيىف، قازاقىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىقتسادىي جەھەتتىن نوپۇزلۇق ئادەملەرنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، قازاقىستان ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ قازاقىستان نۇربانك بانكىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بىلەن شىرىكلىكى بار.

سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشلەر

سىياسىي مۇلاھىزچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن بۇرۇن ئەلىيىف بىلەن نۇرسۇلتان نەزەر بايىف ئوتتۇرىسىدا، نەزەربايىفدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى كىم ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا جىددىي تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن نەزەربايىف ۋە ئەلىيىف كېلىشكەن ۋە 2002‏- يىلى ئەلىيىف قازاقىستاننىڭ ئاۋىستىرىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئاۋىستىرىيىگە ئەۋەتىلگەن.

لېكىن ئەلىيىف 2005‏- يىلى قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان. ئەمما يانۋار ئېيىدا نۇربانك بانكىسىنىڭ ئىككى خادىمىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، قايتا قازاقىستاننىڭ باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئاۋىستىرىيىگە ئەۋەتىلگەن ئىدى.

بەزى قازاقىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئەلىيىفنىڭ قازاقسىتان پارلامېنتىنىڭ نۇر سۇلتان نەزەربايىفنى قازاقىستاننىڭ ئۆمۈر بۇيى پرېزىدېنتى قىلىپ بېكىتكەنلىكىدىن ۋە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىنىڭ پرېزىدېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن كېيىن، جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قازاقىستاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ قازاقىستاندا ھاكىمىيەت ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كۈرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قازاقىستاننىڭ سىياسىي مەيدانىدىكى بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت