نوپۇس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، مەۋجۇتلۇقى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ھەم قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپلا قالماي يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ھېسابسىز خىتاي كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ تەھدىتىگىمۇ ئۇچرىماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-09-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

يالغۇز خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ياشاۋاتقان ماكانلىرىدىن سىياسەت ياكى پىلان بويىچە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلىشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە، ئاپتونوم رايونىدا ئەڭ ھوقۇقلۇق بولغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10% كىمۇ يەتمەيدىغانلىقى، خىتاي نوپۇسىنىڭ بولسا بۇ مەركىزى شەھەردە 85% تىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئۆزىدىنلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا-سانائەت، بايلىق مەنبەلىرىگە ئورۇنلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرۇۋاتقان 60 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىدە ئاساسەن خىتاي نوپۇسى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن بىڭتۇەنگە ۋە ئۈرۈمچى، شىخەنزە، سانجى، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەبلەغ ۋە كۈچ چىقاردى. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇنىڭ بىلەن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قۇمۇل، تۇرپان، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى 10 ھەسسە پەرقلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان خىتايدىكى مىلياردېرلار ئىچىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 6 كىشى كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي، شۇنداقلا بىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەمەس، ھەممىسى كۆچمەن خىتايلار. ئۇلارنىڭ جەمئىي ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئىقتىسادى 50 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمى ئىقتىسادىنىڭ 30%ini تەشكىل قىلىدىكەن. بۇنى ئۆگەنگەن ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر ئېلىدىكى مانا بۇ خىتاي مىلياردېرلار مىللىي تەڭسىزلىكنىڭ نوپۇستىن باشقا ئىقتىسادى، سودا ساھەسىدىمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلىشقان ئىدى.

خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇننىڭ 29-ماددىسىدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچى ۋە باشقا كونكرېت شارائىتىغا قاراپ يەرلىك ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ» ۋە يەنە 30-ماددىسىدا «مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ جايغا قاراشلىق كارخانىلارنى، كەسپىي ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ» دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن.

ھالبۇكى،يېقىنقى يىللارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىگە ھەر يىلى خىتايدىن كېلىدىغان ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇلار كېلىپلا بىمالال ئىشلارغا ئورۇنلىشالايدۇ، بۇنىڭغا قارىماي خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» سۈپىتىدە ھەر يىلى بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا شۇنداقلا بىر قىسمىنى ئۆز يۇرتىدا ئىش تېپىلمىغاندەك خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكتە. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلىرىمۇ«شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا قوبۇل قىلىنىش نامىدا ئاتا-ئانىسىدىن، يۇرتىدىن، مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا.خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىزلارنى خىتايغا، خىتايدىكى ئىشسىزلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇ مەنتىقسىز، ئەمما مەقسەتلىك ئىستراتېگىيىسى ھەتتا خىتايلارنى شۈبھىلەندۈرگەن ئىدى، بۇ سىياسەت 2009-يىلىدىكى 26-ئىيۇن شياۋگۇەن ۋەقەسىدەك ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىرقىي ھۇجۇمغا ئۇچراشتەك قانلىق ۋەقەلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشلەمچى بولۇپ خىتايغا ئاپىرىلىپ تۆككەن قانلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل تەتۈر تاناسىپ نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى، 2010-يىلى مايدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىنى 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە تېز سۈرئەتتە ئېچىشىغا قويۇپ بەرگەندىن بۇيان، ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىندى،توختاۋسىز قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇت، كارخانىلاردىكى ئىش پۇرسەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار يەنىلا يىراق قالدۇرۇلماقتا. خىتاينىڭ كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكەش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى يەنىمۇ سىستېمىلاشتى، كۈچەيتىلدى. شەھەر قۇرۇلۇشى، كارخانا قۇرۇلۇشلىرى، بايلىق ئېچىش سىياسەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇرلار يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلانماقتا، كۆچۈشكە مەجبۇر قىلىنماقتا، ئەكسىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىگە يەنىمۇ كەڭرى ئېتىبار سىياسەتلىرى يولغا قويۇلماقتا. يېقىندا «شىنجاڭغا كەلسەڭلا شىنجاڭلىق بولىسەن» دېگەن خىزمەت پرىنسىپى بىلەن، بىر قانچە يىل ئىچىدە 6 مىليون كۆچمەننى يەرلىكلەشتۈرۈش ئېلان قىلىنغان ئىدى. خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلىشىشكە تىزىملاتقان كۆچمەنلەر 1 مىليون 710 مىڭدىن ئاشقانلىقى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىندى.

ئەمدى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل نوپۇس يۆتكەش، كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرىنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا تەتبىقلىغاندىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ياشاۋاتقان پۇقرا بولۇش، ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇقلۇق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغاندىن سىرت،يەرلىك مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قوغدىلىشقا تېگىشلىك مەنپەئەت ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا ئاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھەق-ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ 10-ماددىسىدا «يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى، تېررىتورىيىسىدىن ھېچ بىر شەكىلدە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىلمەسلىكى شەرت، تولۇق چۈشەندۈرۈش ئاساسىدىكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىيارلىقى بولماي تۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئاڭلاشمىلار ئىمزالانماستىن، كېرەكلىك تۆلەم تۆلەنمەستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا كېيىنچە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىلماي تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلۇشى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر خەلقئارالىق ئەھدىنامىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنى تەييارلىغۇچى ئامېرىكىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ قانۇنسىز كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش، تۇپراقلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ساقلىشىغا دائىر نۇرغۇن ھەق-ھوقۇقلىرىغا چېتىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت