نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇدى

مۇبارەك روزى ھېيت كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
روزا ھېيت پائالىيىتىدە بالىلارغا سوۋغات تارقىتىلدى. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە.
روزا ھېيت پائالىيىتىدە بالىلارغا سوۋغات تارقىتىلدى. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup

يىللاردىن بۇيان نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى ئوپچە ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولۇپ، نامازدىن بۇرۇن دىنىي ئەقىدىلەرنى چۈشەندۈرۈش، ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلمىي ۋە دىنىي يوللار ئارقىلىق بايان قىلىش، نامازدىن كېيىن تەييارلانغان ھېيتلىق نازۇ-نىممەتلەرگە ئېغىز تېگىش، پىقىر-ئاجىزلار ئۈچۈن خەير-ئېھسان توپلاش ھېيت نامىزىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىغا ئايلانغان.

روزا ھېيت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە.
روزا ھېيت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 19-ئاۋغۇست، نورۋېگىيە. RFA/Aygul Yusup

يەكشەنبە كۈنىدىكى روزى ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادى ياردەم قىلىشى بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە ھېيتلىق سوۋغا -سالاملار سېتىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە ئۇسۇپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئايەم كۈنىنى قانداق تەبرىكلەيدىغانلىقى ھەققىدە جانلىق چۈشەندۈرۈش بېرىلدى. جامائەت ئاقساقىلى ئۆمەرجان ئاكىنىڭ قولىدىن ھېيتلىق سوۋغاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان بالىلار خۇشال بولۇشسا، بۇنداق ئەتراپلىق قىلىنغان تەييارلىق ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار كۆپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتى.

ھېيتلىق پائالىيەتكە قاتناشقان روشەنگۈل خانىم مۇشۇنداق ئايەم كۈنلىرىدە ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىنتايىن سېغىنغانلىقىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش -بىلىشلىرىگە ھېيتلىق سالاملار يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن روزى ھېيتلىق پائالىيەتكە ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، كېيىن جامائەت، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاش، ئوپچە ھېيتلىشىش قاتارلىق ئايەملىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت