رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە پادىشاھىنىڭ زىياپىتىگە قاتناشتى

رابىيە قادىر خانىم 10-دېكابىر كۈنى چۈشتە نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئايگۈل
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2010 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتتە پادىشاھ ئەر-ئايال، شاھزادە ۋە مەلىكە
2010 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن نورۋېگىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتتە پادىشاھ ئەر-ئايال، شاھزادە ۋە مەلىكە
RFA/Aygul

پادىشاھ زىياپىتى ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلغان كۈنى كەچتە پادىشاھ ئوردىسىدا پادىشاھ بىلەن خانىشنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك زىياپەت بولۇپ، زىياپەتكە نورۋېگىيىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە خانىملىرى، سىياسىي، سودا، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ۋە نوبېل مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن مەخسۇس مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، 11-دېكابىر كۈنى كەچتە پايتەخت ئوسلودىكى دۆلەتلىك كونسېرت زالىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ليۇ شاۋبونىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى 12- دېكابىر كۈنى نورۋېگىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت