خىتاي ھۆكۈمىتى نورۋېگىيىگە قاراتقان ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى توختاتتى

2010-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي بىلەن نورۋېگىيە ئوتتۇرىسىدا سىياسىي سۈركىلىش باشلانغان ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل يۈسۈپ
2012-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نورۋېگىيە ساياھەت رايونى. (مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان)
نورۋېگىيە ساياھەت رايونى. (مۇناسىۋەتلىك ماقالىدىن ئېلىنغان)
www.abcnyheter.no

شۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزالىق سالاھىيىتىگە خىلاپ ھالدا نورۋېگىيىگە سودا-تىجارەت جەھەتتە بىر قاتار چەكلىمىلەرنى قويۇشنى باشلىغان. نۆۋەتتە نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى يازلىق ساياھەتچىلىكى تازا قىزىيدىغان ساياھەت پەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دېڭىز ساياھەت پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن باشقا، نورۋېگىيىنىڭ ساياھەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قىلغان ساياھەت ئېلانلىرىنىمۇ چەكلىگەن.

خىتايدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدە بولۇپ، خىتايدىكى بارغانسېرى روناق تېپىۋاتقان ساياھەت بازىرى ياۋروپاغا بولغان كوللېكتىپ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن كۈچلىنىۋاتقان بولغاچقا، 2010-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلەرنىڭ نورۋېگىيىگە ساياھەت قىلىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيىنى ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىمىغان ئىدى.

لېكىن، ھازىر نورۋېگىيە ياۋروپانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ساياھەت پىلانىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئىلگىرى ياپونىيە ئاسىيا دۆلەتلىرى بويىچە ياۋروپاغا قارىتا ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى قانات يايدۇرغان دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان بولسا، ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ بارغانسېرى بېيىۋاتقان باي پۇقرالىرى بىلەن ياۋروپا ساياھەتچىلىكىنى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

نورۋېگىيە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ياۋروپانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن، نورۋېگىيىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى نورۋېگىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ چەكلەش بۇيرۇقى ھەققىدە ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولغان.

نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتى كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەردىن بولۇپ، خەلقئارالىق سودا كېلىشىمى خىتاينىڭ نورۋېگىيىگە يۈرگۈزمەكچى بولغان نۆۋەتتىكى قارارىنى چەكلەيدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۆزىگە ئەزا بولغان، سودا ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارايدۇ.

مەزكۇر خەۋەرگە قارىتا، نورۋېگىيىدىكى تور بەت زىيارەتچىلىرىدىن بىرەيلەن ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق يازغان: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋە بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى بىكار قىلىشى نېمە دېگەن كۈلكىلىك-ھە؟ مېنىڭچە بولغاندا، ئۇلارغا ئۆز ئۇسۇلى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. دانىيىدىكى كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر خىتايدەك مەدەنىيەتسىز دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ. نورۋېگىيىمۇ خۇددى دانىيىدەك قىلىشى كېرەك ئىدى. بىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت بازىرىمىز ياۋروپا، سكاندىناۋىيىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا بولۇشى كېرەك.

يەنە بىر نورۋېگ تورداش غەرب ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق يازغان:
ئەگەردە خىتاي غەربتىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا بايقۇت قىلىنغان بولسا، بۇنىڭ نورۋېگىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردىمى بولاتتى. كېيىنكى ئون يىلدا غەرب ئىقتىسادىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا خىتايدىن غەرب بازارلىرىغا بۆسۈپ كىرگەن ئەرزان باھالىق توۋارلارغا ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى سەۋەب بولغان.

بۇ يىل نورۋېگىيىنىڭ چوڭ تىپتىكى دېڭىز ساياھەتچىلىك پاراخوتلىرى، شىركەتلىرى 7 مىڭ نەپەر خىتاي ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنى تەخمىن قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلەش قارارىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن ھەمدە بۇ يىل يازدا دېڭىز ساياھىتى قىلىدىغان 500 نەپەر ساياھەتچىنىڭ نورۋېگىيە بىلەن قىلغان ساياھەت توختامنامىسى ۋە ساياھەت پىلانىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان.

نۆۋەتتە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بازىرىنى ئېچىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەندىن باشقا، نورۋېگىيىگە قارىتىلغان سودا-تىجارەت جەھەتتىكى بايقۇت قىلىشنىڭ ۋاقىتلىق بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت