نورۋېگىيىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئېچىلدى

ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىش ھەم ئۇلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام دىنىي تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯘﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2009-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﺍﻧﭙﯩﻼﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ  ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﺍﻧﭙﯩﻼﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەيدىغان تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى خېلىدىن بېرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەن ئىدى. نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىر مەزگىل ئىزدىنىش ۋە تەييارلىق قىلىشى بىلەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى.

2009 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئۇچۇن ھازىرلانغان زالغا 4 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 23 نەپەر ئۆسمۈر، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە تەربىيىچىلەردىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى يىغىلغان بولۇپ، تەبرىكلەش مۇراسىمى تەربىيىچىلەر، تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلاندى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى تۆت سائەت دەرس ئۆتىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلەر بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى، جۇغراپىيە بىلىملىرى ۋە ئىسلام دىنىي بۇيىچە ئۆزلىرىنىڭ يېشى ۋە چۈشىنىش ئەھۋالىغا قاراپ تەلىم ئالىدۇ.

بىز تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەربىيىچىلىرىدىن بىرى، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن نىغمەت ھاجىمنى زىيارەت قىلىپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل بۇيىچە ئوقۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى ھەققىدە سورىدۇق. بىز يەنە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ دىنىي تەربىيىچىلىرىدىن بىرى ئۆمەر ھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

تېخى مۇندىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، يەنى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى نورۋېگىيىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان گجۆۋىك شەھرىدىمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن بىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى مىللىي تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىشى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوش تىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى تىزلىك بىلەن يۈرگۈزۈلۈپ ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرىغا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن زور بىر ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكتە.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت