ئولىمپىك مۇراسىمىدىن كېيىن ...

ئولىمپىك مۇراسىمىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان رېژىسسور، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە بۇ پارتىيىنىڭ ھاكىم مۇتلەق ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن، يادرو دۆلىتى ھېسابلانغان بۇ دۆلەت جۇڭگو، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇراسىمى ياراتمىش قىممەتنى، ئۆزىچە ئالاھىدە دۆلەت كۈچىگە ماسلاشتۇرۇپ، ماسلىشىشقا "بىر دۇنيا، بىر چۈش" دەيدىغان شوئارنى سىڭدۈرۈپ، ماۋ زېدوڭ توۋلاپ يۈرگەن " ئىنسانىيەتنى ئازاد قىلىش" دەيدىغان چۈشكە مونتاج شەكلىدە گىرەلەشتۈرگەن.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 تەرەپ - تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن سادالارنى ئۆز ئورنىدا تۇنجۇقتۇرۇپ، ھەر بىر ئادەمنى ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ، باشقۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جۇڭگو جەمئىيىتىنى ھەربىلەشتۈرۈشنى سىناپ كۆرگەن.

بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى،يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر تۇتاش رەھبەرلىك،يەرلىك ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىكى، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە پىلانلىق ئىگىلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، فىئوداللىق ئابرويپەرەسلىك ياكى ماركسنىڭ ئېيتقىنىدەك فېئودال سوتسىيالىزم - ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش، ياكى سوتسىيالىزم ماركىلىق فىئودالىزىم يەنى ئىنسانغا ئىنسان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلماسلىق، ئەمدى بۈگۈنكى دەۋىردە ئۆتكۈنچى دەۋىر كاپىتالىزمى - قىزىل باشلىق بۇرجۇئازىيىنىڭ يېتىلىش جەريانىغا دارۋىنىزمچە شاللاش ۋە تاللاش ئىدېئولوگىيىسىنى يېتەكچى قىلىش ۋە ھوقۇقىنىڭ ھىماتىغا ئېلىش، ئەخلاق - پەزىلەتتىن تاشقىرى، ئىنسانىيلىقتىن تاشقىرى، قانۇن ۋە قانۇنشۇناسلىقتىن تاشقىرى، سىياسەت ۋە سىياسەت بەلگىلەشنىڭ رېئال ئاساسلىرىدىن تاشقىرى قىپيالىڭاچ مىللەتچىلىك، ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرگە مىللىتارىزىملىق سىياسەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇيغۇر - تىبەتلەرنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇپ، چۇقان - سۈرەن، تەشۋىقات - تەرغىبات ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدە ھۇشيار بولۇشقا چاقىرىق قىلىش، ئەنئەنىۋى خىتاي مەدەنىيىتى ھادىسىلىرىنى دۇمباق چېلىپ تۇرۇپ كۆز - كۆز قىلىش، دۇنياۋى دۆلەت باشلىقلىرىنى ئولىمپىك مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىپ،"مەن مەركەزچىلىك" يەنى خىتاي مەركەزچىلىك ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، جۇڭگو باش كۆتۈردى دەيدىغان جۇڭگوچە قىممەت ئۆلچىمىنى پۈتۈن دۇنياغا تاڭماقچى بولۇش قىسقىسى خىتايچە كۆرەڭلىك، خىتايچە مەنمەنلىك، خىتايچە ئىپتىدائىي مىللەتچىلىك بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئۇقۇملاشقان ھادىسىلەردۇر.

بۇ ئۇقۇملاشقان ھادىسىلەر جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولغاندا، ھالقىمۇ‏ - ھالقا بىر - بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى پەسەيسە بىرى كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭنەنخەينىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەندە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆتكۈرلەشكەن زىددىيەتلىرى ئولىمپىك مۇراسىمىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەندە، خىتاي مىللەتچىلىرى ئاۋۋال تىبەتتە كۆتۈرۈلگەن ۋەقەلەرنىڭ كەسكىنلەشكەن خاراكتېرىدىن پايدىلىنىپ، كېيىن مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان پارتلىتىش ۋەقەلىرىنىڭ كەسكىنلىكىدىن پايدىلىنىپ، رادىكال ياكى ئەقلى مىللەتچىلىكنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەستەلىكىدىن پايدىلىنىپ ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ ئالدى.

ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ جۇڭگودا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ھەرگىزمۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئۆتكۈرلەشكەن زىددىيەتلەرنىڭ يۇمشاپ ئۆز ھالىغا قايتىش ياكى خېمىرىغا قايتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. زىددىيەتلەر قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، زىددىيەتلەرنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئىككىنچى بىر تەرەپكە ئورۇن بېرىشى ياكى زىددىيەتلەشكەن تەرەپلەر ئورنىنىڭ ئالمىشىشى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسىدۇر. ئەمما كوممۇنىستىك پارتىيە تارىخ سەھنىسىدىن ئاقىلانە يول تۇتۇپ ئۆزلىكىدىن چۈشمەيدۇ.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن جۇڭنەنخەي ئوردا ئۆزگىرىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. نەزىرىيىچى تاڭ بەيچاۋ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەندە:" ئادەتتە بۇ ئۇسۇل، رەڭلىك ئىنقىلاب، تېنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىش، زوراۋانلىق ئىنقىلابى، ھەربىي ئۆزگىرىش، ھەربىيلەرنىڭ مەقسەتسىز توپىلاڭ كۆتۈرۈشى" قاتارلىق ئۇسۇل - چارىلارنى كۆرسەتكەن.

ئوردا ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئەنئەنە بولۇپ كەتكەن جۇڭگودا يېقىنقى 60 يىل مابەينىدە 3 قېتىم ئوردا ئۆزگىرىشى قىلغان بولسىمۇ بىراق، ھاكىمىيەتنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئەمما ھاكىم مۇتلەق مەزمۇنى ئۆزگەرمىگەن ھاكىمىيەت بولۇپ قېلىۋەردى.

نۆۋەتتە قاسساپقا گۆش قايغۇسى، ئۆچكىگە جان قايغۇسى دېگەندەك غەرب دۇنياسىغا تىجارەت، بازار قايغۇسى، جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش قايغۇسى سان - ساناقسىز قايغۇلار ئىچىدە ئاساسلىق قايغۇ بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا چار روسىيە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى ئارقىلىق سۇن جۇڭسەن بىلەن يۈئەن شىكەي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تەڭشەپ تۇرغان،  20 ‏ - ئەسىرنىڭ 40 ‏ - يىللىرىدا سىتالىن ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مانجۇرىيە، تاشقى موڭغۇلىيە، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى ئارقىلىق خىتاي گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى تەڭشەپ تۇرغان.

بۈگۈن كىم بىلىدۇ، تىبەت مەسىلىسى، ئۇيغۇرىستان مەسىلىسى ھارارىتى ئۆرلەپ كەتكەن خىتاينىڭ ئىككى قولتۇقىدا ھارارىتىنى ئۆلچەپ تۇرىدىغان تېرمومېتىرغا ئايلىنىپ قالدىمۇ ‏ - قانداق؟

تولۇق بەت