پاكىستان ئالىي سوتى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى ئاڭلاپ چىقتى

پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان دۆلەتلىك ئالىي سوتقا پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان. 2011-يىلى ئىيۇل.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان. 2011-يىلى ئىيۇل.
RFA/Shohret Hoshur

ئالىي سوت بۈگۈن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىنى سوتقا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ چىقتى.

سوت مەيدانىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئاكا-ئۇكا مەسئۇللىرى ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجان يەنە بىر دوستى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن بىرلىكتە ھازىر بولدى. سوتتا ئۇلار تۈركىيىدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يولسىز ھالدا توسۇپ قويغانلىقى ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى قاتارلىق ئىنسانىي ۋە ۋەتەنداشلىق ھەققىنىڭ دەخلى‏-تەرۈزگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، سوتچى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىنى ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئەرزدىكى شىكايەتلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى توغرا تاپقان ۋە سوت خاتىرىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرىپ مەكتۇپ تەييارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستان ئالىي سوتىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت