مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستاپا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە (2)

2007-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Nazarbay-200.jpg
نازاربايېف، غەلىبىدىن كېيىن، قوللىغۇچىلارغا ئىھتىرام بىلدۈرمەكتە. Kazakh President Nursultan Nazarbayev waves to supporters in Astana, 05 December 2005. AFP POOL / KAZAKH PRESIDENTIAL PRESS SERVICE

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسى تۈركىي تىللىق خەلقلەر دۇنياسى ئۈچۈن يېڭى نەرسە ئەمەس. كىچىك ئاسىيادىن تارتىپ، ۋولگا-ئۇرال بويلىرى، مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىغىچە بولغان بىپايان تۈركىي تىللىق خەلقلەر دۇنياسىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىنغان ھالدا ئەڭ مۇۋاپىق بىر شەكىلدىكى بىرلىكىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇسلىرىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي تەرىپىدىن پانتۈركىزم بىلەن ئەيىبلىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ "پانتۈركىست" جىنايىتى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە تۈرمىلەردە ياتقانلىقى ھەم خانىۋەيران بولغانلىقى ھېچ كىمگە سىر ئەمەس.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پانتۈركىزم شۇارىدىن پايدىلاندى

قىسقىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پانتۈركىزىمدىن ئىبارەت سىياسىي قالپاقنى ئىجاد قىلىپ، سابىق سوۋېت تېررىتورىيىسىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئېتنىك مەنبە ۋە سىياسىي تارىخى جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىقلىرى ھەم ئورتاقلىقلىرىنى تەكىتلەشنى سىياسىي جىنايەت كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر-بىرىنى ئېتنىك كىملىك جەھەتتىن ئايرىش ۋە چەتكە قېقىش خاھىشى بولمىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك ھەم مەمۇرىي چېگرىلىرىنى ئايرىپ، ئۇلارغا مىللىي جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى بېرىش ئارقىلىق قەدەممۇ-قەدەم ئايرىم مىللىي كىملىك , ھەتتا ئايرىم مىللەتچىلىك خاھىشىنى پەيدا قىلغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ئىدى.

مانا شۇ 70 يىللىق مۇساپىدىن كېيىن مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەر مۇستەقىل دۆلەت ھوقۇقىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە ئۇلاردىكى تۈركىي مىللىي ئورتاقلىق خاھىشلىرىنىڭ ئورنىغا ئايرىم دۆلەت مىللەتچىلىك خاھىشلىرى تولۇق دەرىجىدە دەسسىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىكى تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىق ۋە ئورتاقلىقلار شۇنىڭدەك جۇغراپىيىۋى جايلىشىش ھەم باشقا جەھەتلەردىكى ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان باغلىنىشلار پانتۈركىزم قالپىقىنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلاردىكى ئۆزارا "يېقىنلىق" چۈشەنچىسى ۋە تۇيغۇسىنى يوق قىلالمىدى.

شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەندە ئۇلار بىرىنچى بولۇپ، تۈركىيىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا رەھبەرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك زىيارەتلىرىنى تۈركىيىدىن باشلىدى.

مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروف ئۆز ماقالىسىدە ئەكىس ئەتتۈرگەندەك تۈركىيە باش مىنىستىرى تۇرغۇت ئوزال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 1992-يىلى ۋە 1993-يىلى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەرنى زىيارەت قىلدى ھەتتا "تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى" نى قۇرۇش كېلىشىمىنى مەيدانغا چىقاردى.

ئاپتورنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا مەركىزىي ئاسىيادا تۈركىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈش ھەمدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزارا تۇغقانچىلىقى ھەققىدە ئەركىن سۆزلەش، يېزىش ھەم تەشەببۇس قىلىش قانات يايدۇرۇلغان ئىدى.

ئۆزارا داھىيلىق تالىشىش مۇنداق ئىتتىپاققا توسقۇنلۇق قىلدى

Par1274799-KAZ-NAZAR-200.jpg
كازاقىستان پرەزىدەنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قىزغىزىستاننى زىيەت قىلغاندا سۆز بەرمەكتە. Bishkek, 26 April 2007. AFP PHOTO / VYACHESLAV OSELEDKO

ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروفنىڭ "مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، تۇرغۇت ئوزال ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئىنتىلگەن بولۇپ، " تۈركىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز" ماۋزۇلۇق كىتابىنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.

بىراق، بۇ ۋاقىتتا رايون دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن پەيت بولغاچقا ھېچ كىمنىڭ مەزكۇر ئىدىيە بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مۇمكىنچىلىك بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قانچە تاشقى كۈچلەرنىڭ رايونغا نىسبەتەن قىزىقىشىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى شۇنىڭدەك بەزى پرېزىدېنتلارنىڭ رايوننىڭ داھىيلىقىنى تالىشىش قاتارلىقلار مەزكۇر ئىدىيىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا يول قويمىدى.

تۈركىي خەقلەرنىڭ يېقىنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدىغان سىلاۋىيانچە ھەرپتىن لاتىنچە ھەرپكە كۆچۈش قارارىنى ئەزەربەيجان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان پارلامېنتلىرى قوبۇل قىلدى.

1994-يىلى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۈركىيىگە يەرلەشكەن ئۆكتىچى مۇھەممەد سالىھنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا تۈركىيىنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئۆزبېكىستان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتى. ئارقىدىنلا ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچلىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە 2000-يىلى ئۆزارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پۈتۈنلەي توختىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت