ئۆزبېك سىياسەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايدۇ ؟

ئۆزبېكىستان ھوكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى نۆۋەتتە ئۆزبەك سىياسەتچىلىرى ۋە جامائىتىنىڭ نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىنىڭ قوراللىق باستۇرۇلۇشى ھەققىدە ئىپادە بىلدۇرمىگەن ئۆزبەك ھوكۇمىتىنىڭ ئۆزبېكىستاندا يۇز بەرگەن كشىلىك ھوقۇق مەسىللىرىنىمۇ ئوخشاش شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۇرۇلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻫﺎﺳﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺮﻭﯞﻧﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺳﻮﺳﯘﭖ ﻫﯘﺭﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻫﺎﺳﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺮﻭﯞﻧﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺳﻮﺳﯘﭖ ﻫﯘﺭﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.nytimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. Photo: David Gray/Reuters

1992‏ - يىلى دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان ئۆزبېكىستان ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كۈندىن  - كۈنكە كۇچىيىش بىلەن بىرگە، ئىككى دولەت بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى يورۇتۇپ كەلمەكتە.

ئۆزبېكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى قوبىل بەردىيىف ئوتكەن ئاي بېيجىڭدىكى زىيارىتىدە ئىككى دولەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي مەركىزى ھەربىي كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بويۈننىڭ خىتاي ‏- ئۆزبەك مۇناسىۋىتىگە بەرگەن يۇكسەك باھاسىنى شۇنىڭدەك ئىككى دولەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۇچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كېلىشىملەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەردە يەنە، گو بويۈننىڭ ئۆزبەك ھوكۈمىتىنىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى قەدىرلىگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئۆزبېك ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەر قايسى جەھەتتە قويۇق مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ پەيتلەردە، ئۆزبېك دېموكراتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايدۇ؟ ئۆزبېكىستان بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم پولات ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسنى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىنىڭ قوراللىق باستۇرۇلۇشىدا ئاۋازىنى چىقارمىغان بولۇپ، ئۆزبەك سىياسەتچىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئەزەلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسدە خىتاينى قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۇسەيىن جېلىلنىڭ 2003 ‏- يىلى كانادا دۆلىتىنىڭ پۇقراسى تۇرۇقلۇق، ئۆزبېك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تۇتۇپ بېرىلىش ئەھۋالى بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېك سىياسەتچىلەر يەنە، نوۋەتتە ئۆزبېكىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۆزبېكىستاندا، 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىگە ئوخشاش نارازىلىق ۋەقەسى يۇز بەرسە،ھۆكۈمەت باشقا دولەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنى توسۇپ، ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەندىجان ۋەقەسى بۇنىڭ ياخشى مىسالى ئىكەنلىكىنى، ئەندىجان ۋەقەسى يۈز بەرگەن پەيتتە، ھۆكۈمەت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە پىسەنت قىلمىغان، خىتاي بولسا ئۆزبەكىستان قوللانغان تەدبىرنى توغرا دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرلىك پارتىيە رەئىسى ئابدۇرېھىم پولات ئەپەندى بۇ ۋەقە ئۈستىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزى ئاسىيا ئاھالىسى ئىچىدە خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئۆزبېك سىياسەتچىلىرى، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى نەچچە يۇز مىڭدىن ئارتۇق دەپ مۆلچەرلەيدىكەن. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا مىللىي ئازادلىقى ئۈچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ ئۆزبەكىستان جامائەتچىلىكى ۋە مەتبۇئاتىدا چەكلەنگەن ماۋزۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئابدۇرېھىم پولات ئەپەندى ئاخىرىدا، ئۆزبېك خەلقىنىڭ گەرچە مۈستەقىل دۆلىتى بولغان تەقدىردىمۇ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ قىلچىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتۇر دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، تۈرك دۇنياسىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (2)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺗﻮﯞﺍ

Nov 11, 2009 03:09 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

......... ﯰﺯﺑﻪﻛﯧﺴﺘﺎﻥ ﯬﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭې، ﯪﺩﻩﻣﻨﯔ ﯬﻗﻠﯧﺪﻥ ﯮﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﯦﺴﻪ .

Nov 11, 2009 01:26 PM

تولۇق بەت