بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئۆزبېكىستان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ بولغان دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەشنىڭ يولىنى تۇتقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ تاشكەنتنى زىيارەت قىلغاندا ئىسلام كېرىموف بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2009-يىلى 23-يانۋاردا، تاشكەنت.
رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ تاشكەنتنى زىيارەت قىلغاندا ئىسلام كېرىموف بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن بىرى. 2009-يىلى 23-يانۋاردا، تاشكەنت.
AFP Photo
كېرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورىلىقى سەۋەبىدىن، ئەسلىدىنلا كىشىلىك ئەركىنلىك چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ئۆزبېكىستاندا، خىتاينىڭ تەلەپ ۋە تەلىماتلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، بولۇپمۇ تەشكىللىنىش ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. بۈگۈن ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئەھۋاللىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ھەققىدىكى ئوي ۋە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى ھەققىدە رەسمىي ھۆججەتلىك سان-سېپىرلار مەۋجۇت ئەمەس. ئاسىيە ۋاقتى گېزىتىدىكى بىر پارچە ماقالىدە ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، ئۇيغۇر نوپۇسى 1979 ‏-يىلى 29104، 1989 ‏-يىلى بولسا 35700 دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما، بۇ سان ستالىن دەۋرىدىكى زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. شۇڭا ئۆزبېكىستاندىكى بەزى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئاز دېگەندىمۇ 200 مىڭ بىلەن 500 ئارىسىدا دەپ كۆرسەتمەكتە.
تولۇق بەت