خىتاي يېقىندا يەنە پاكىستاندىن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينى سەيلە-ساياھەت قىلدۇردى

مۇخبىرىمىز خىتاينىڭ يېقىندا يەنە پاكىستاندىن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ھەقسىز ھالدا خىتاينى سەيلە-ساياھەت قىلدۇرۇپ ئەكەلگەنلىكى ۋە ئۇلارغا قايتىشىدا 6000 يۈەندىن پۇل بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-11-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
RFA

تۈنۈگۈن بىز پاكىستاندىكى خىتاي شېرىكلىرىدىن ئىككى كىشىنىڭ، ئافغانىستاندا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان قەمىردىن ئابدۇراخماننى ئافغانىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ تەسلىم بولۇشقا قىستىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

بىز قەمىردىننى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئابلەھەت ئىسمائىل دېگەن كىشىنى خېلى كۆپ سۈرۈشتە قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق. پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئابلەت ئىسمائىل بۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئېنىقلاشلار جەريانىدا، خىتاينىڭ يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ساياھەتكە تەشكىللەپ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى سەيلە-ساياھەت قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئۇلارغا قايتىشىدا 6000 يۈەندىن پۇل بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرىدىن ئابدۇقېيىم شەمشىدىن، خىتاينى سەيلە-ساياھەت قىلىپ قىلىپ كەلگەن بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈر سەيلە-ساياھەت ئۆمىكىنى تەشكىللەشنى پاكىستاندىكى جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان. پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دەپ قارىلىۋاتقان، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتىنى رەت قىلغان، ئەنەيتۇللا ئىسىملىك كىشى مەزكۇر جەمئىيەت ۋە سەيلە-ساياھەت ھەققىدە توختالدى.

خىتاي 2009-، ۋە 2010-يىللىرىمۇ پاكىستاندىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى ساياھەتكە ئاپارغان. ساياھەتكە بېرىپ كەلگەنلەردىن سېيت سۇلتانخان دېگەن كىشى، شۇ چاغدا پاكىستاندىكى بىر گېزىتتە خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يازغان. ئۇ شۇ چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن يازغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ قېتىم خىتاينى ھەقىسز ئايلىنىپ كەلگەن 6 كىشىگە خىتاينىڭ نېمىلەرنى تاپشۇرغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىن 6 مىڭ يۈەننى ئالغاندا نېمىلەرگە ۋەدە بەرگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. قەمىردىننى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا قىستىغان ئابلەھەت ئىسمائىل ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەنە شۇنداق خىتاي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان كىشى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت