پاكىستاندىكى ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا

ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان ساقچىلىرى پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺧﯩﭗ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺧﯩﭗ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

بۈگۈن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇخالىقنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 13 كۈن، ئىنەيىتۇللاھنىڭ تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 9 كۈن بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ نەدىلىكى ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئائىلىلىرى ھازىرغىچە خەۋەرسىز. يەنە ئاكا - ئۇكا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۆمەرجان بىلەن ئەكبەرجاننىڭ ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆيگە قايتالماي مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقىنىغا 5 كۈن بولدى.

ئۇلار رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان دۆلىتى ياكى خەلقى ئۈستىدىن ھىچقانداق شىكايىتى يوقلۇقىنى، پەقەت ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى ئايرىم تارماقلىرىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن غەيرىي ئەخلاقىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، پاكىستان ۋەتەندېشى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقارا جامائەتنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ساقچىلىرى ئالدىنقى ئايلاردا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلاشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇنداق بولمىغاندا قوشنىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىئارام بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پاكىستان ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسا، پاكىستان قانۇنىغا تامامەن بويسۇنىدىغانلىقىنى، ئەمما چەتئەللەردىكى قانۇنلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆتكەن ئايدا پاكىستاندىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر رادىئومىزدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا يولۇققانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن، پاكىستاندىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئاخىرى ئۇ پاكىستاندىن ئايرىلىپ، 3 - بىر دۆلەتتىكى ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. نۆۋەتتە ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا پاناھلىق ئىلتىجاسىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت