رابىيە قادىر خانىم: «گەرچە بىر كۈن بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى»

خەلقئارا ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئەركىنلىك يۈرۈشى 22-ئۆكتەبىر بىر كۈننىڭ ئۆزىدە رىم، پارىژ ۋە بېرلىندا ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭ ئېلىپ بېرىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم. 2011-يىلى 3-ماي
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم. 2011-يىلى 3-ماي
RFA

ئەركىنلىك يۈرۈشىنىڭ بۇ قېتىملىقى مەركىزى ئىتالىيىدىكى ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كۆپ جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ئۈچ دۆلەتتىكى پائالىيەتكە ئورتاقلاشتى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پائالىيەتنىڭ ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا ئېلىپ بېرىلگەن قىسمىغا ئىشتىراك قىلدى. ئىتالىيە سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تۈگىتىپ يېڭىلا ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم، ئىشخانىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ قېتىم ئىتالىيىگە قاراتقان سەپىرىم گەرچە بىر كۈنلۈك بولغان بولسىمۇ بىراق ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور دەپ قارايمەن» دېدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر كۈنى ھەققىدە مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

تولۇق بەت