پىلانلىق تۇغۇت مەبلىغى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 50% تىن ئاشىدىغان جايلارغا قارىتىلىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن 729 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
AFP

بۇ مەبلەغ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» نامىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت پىلانى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ پىلان ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى چەت، چېگرا، نامرات يېزا، كەنتلەردىكى يەرلىك مىللەت ئائىلىلىرىنى نىشان قىلغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىپ ھەم ئۇلارنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى جىددىي ئېلىپ بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك مىللەتلەر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەر ئېلىۋاتقانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردە كۈچلۈك تەنقىد ۋە ئىنكاس قوزغىماقتا.

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى بويىچە شەھەر نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلاش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن 170 مىليون ئاجرىتىپ مەخسۇس يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇتقا ئەمەل قىلغان قىسمەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلىغان ئىدى. يەنى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، ناھىيىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىن ۋاز كېچىپ پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولغان 82 مىڭدىن ئارتۇق كىشى، 29 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە بۇ خىل پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» قۇرۇلۇشىغا يەنە 729 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، بۇ مەبلەغ بىلەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن 58مىڭ ئائىلىنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بۇ پۇلدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈشنى تاماملىغان بولۇپ، پىلان بويىچە بۇ مەبلەغ نىشانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 50% تىن ئاشىدىغان جايلارغا تارقىتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېتىدە، مەزكۇر كومىتېت مۇكاپاتلاش ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ پىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ھازىر خىتاي كۆپ تۇغقانلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئاز تۇغقانلارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى قوللىنىلىۋاتقان بولۇپ، 12-بەش يىللىق پىلان بويىچە بۇ خىل سىياسەت بىر مەزگىلگىچە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساسلىق نىشان قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجراتقان مەخسۇس مەبلىغى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا چەت چېگرا رايون ۋە يېزا، كەنتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنى پىلان بويىچە كونترول قىلىشقا ئاجرىتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «ئاز تۇغۇپ، تېز بېيىش» دەپ ئاتالغان پىلانلىق تۇغۇت قۇرۇلۇشىنى 2006-يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس يېزا، كەنتلەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ يۈرگۈزمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلىشىپ ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشتىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ئىشى ئاسان، يولى راۋان بولماقتا. بەشتە ياخشى ئۈلگىلىك ئائىلە دېگەن نامغا ئېرىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇكاپاتى ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ئېتىبارىغا ئېرىشمەكتە.

ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ ھەر خىل يوسۇندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نوپۇس، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ھەر جەھەتتىن خورىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئارزۇسى ۋە پۇرسىتىدىنمۇ مەڭگۈلۈك ئايرىلىش تەھدىتى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى «خىتاي كەلگۈسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا، چۈنكى دۇنيانىڭ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمى خىتايغىمۇ كېلىشى مۇقەررەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنغا يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش،خەلقئارالىق قانۇنلار بويىچە ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار شۇنداقلا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش ياكى بولماسلىقتەك سىياسىي تەقدىرىنى ئاۋاز ئارقىلىق بەلگىلەش بولغىنىدا، خىتاي كۆچمەن نوپۇسى ئارقىلىق ئاۋازدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارنى شۇ كەلگۈسى پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت