پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغانلار سۆيگۈگە لايىقتۇر

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتېرى ھەر خىل بولۇپ، بەزىسى ئۆز پرىنسىپىغا سادىق بولۇپ، قانداقلا بىر شارائىتتا بولمىسۇن، پرىنسىپتا چىڭ تۇرسا، بەزىسى ئۇنىڭ ئەكسىچە كېلىدۇ. ئەمما پرىنسىپچى ئىنساننى باشقىلار سۆيىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-01-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئابدۇراھمان ئەرىفى«ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«پرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئېتىقادىدا مۇستەھكەم بولغانلارنى ھەركىم سۆيىدۇ. چۈنكى پرىنسىپچى ئىنساننى باشقىلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنالمىغان ۋاقىتلاردا سۆككەن بىلەن، قەلبىدىن ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ ۋە ئۇنى چوڭ بىلىدۇ. بېشىغا كۈن كەلگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. پرىنسىپچى ئىنسان خاتالىقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق پەلسەپە ۋە ھەر قانداق بىر قانۇن ئىنسانلارنى پرىنسىپال بولۇشقا، ھەركىم ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.»

پرىنسىپال ئىنسانلار زىيان تارتمايدۇ


مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان«پرىنسىپىدا ھېچكىمدىن پارا ئالماسلىق بولغان مەسئۇل كادىر، كىشىلەردىن پارا ئېلىپ ئەقلىنى ۋە روھىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈن نەپسىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرىدۇ، ئەقلىنىڭ ۋە ۋىجدادىنىڭ يول باشلىىشى ئارقىسىدا ئىش كۆرىدۇ. ئۇ«ھەدىيە»ياكى«سوۋغات»دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن پارىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىر - بىرىگە قەتئىي يالغان ئېيتماسلىقنى پرىنسىپ قىلىۋالغان ئەر - ئاياللارمۇ ھەر قانچە قىيىن شارائىتقا چۈشۇپ قالغاندىمۇ بىر - بىرىگە قەتئىي يالغان ئېيتمايدۇ. خېرىدارلارغا سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇشنى پرىنسىپ قىلغان سودىگەر ياكى دوكاندار يالغان ئېيتمىسا زىيان تارتىپ قېلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغان شارائىتلاردىمۇ قەتئىي يالغان ئېيتمايدۇ. ئىسلام ئۆلىمالىرى «ھەقىقىي راستچىللىق - يالغان ئېيتىشتىن باشقا چارە قالمىغان ۋاقىتتا راست سۆزلەشتۇر»دېگەن قائىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەرەبلەردە«راست سۆزلىگەن ئادەم چوقۇم مەقسىتىگە يېتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. شۇڭا قانداقلا بىر شارائىتتا بولمىسۇن، راست سۆزلەشنى ئۆزىگە پرىنسىپ قىلغان ئادەم راستچىللىقى سەۋەبلىك چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، قەتئىي زىيان تارتمايدۇ. تەبىئىيكى، بىر سودىگەرنىڭ يالغان ئېيتىپ تاپقان بۈگۈنكى ئون تەڭگە ھارام پۇلىدىن راستچىل سودىگەرنىڭ راست سۆزلەپ تاپقان بىر تەڭگە پۇلى ئاخىرقى ھېسابتا كۆپتۇر ۋە بەرىكەتلىكتۇر.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت