ساقچىلار قاراقاش ناھىيە بازىرىدىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

2008-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈنۈگۈن، خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بېرى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان، خوتەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 23 ‏ - مارت نامايىشىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا، 23 ‏ - مارت كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە بازىرىدىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى مەلۇم بولدى.

بىز قاراقاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ چىنىۋاغ ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى . ئەمما تەپسىلاتى ئۈستىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

قاراقاشتىكى ۋەقە ھەققىدە بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن ئىنكاستا ، قاراقاش ناھىيىسىدە كىشىلەرنىڭ نامايىش ئۈچۈن توپلانغانلىقى، ساقچىلار نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلغان ۋە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندا تەرەپلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ساقچى تەرەپ بۇلاردىن پەقەت ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىلا ئېتىراپ قىلدى. ئەمما نامايىشقا توپلاشقانلارنىڭ سانى ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ - بەرمىگەنلىكى ۋە توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قاراقاش ناھىيە چىنىۋاغ ساقچى پونكىتى بىلەن ئېلىپ بارغان قىسقا بىر سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىيالايسىز. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت