قارىمايغا سىغمىغان 2000 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە مەلۇماتلار

قارىمايدا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئىككى مەھەللىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز قارىمايدىن ھەيدىلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئۇلارنىڭ قانداقلارچە قارىمايغا تەھدىت بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى. دائىرىلەر بۇ ۋەقە ھەققىدە ئارتۇقچە ئىزاھات بېرىشتىن ئۆزىنى تارتسا، بەزى ئاھالىلەر، ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلماسلىق شەرتى ئاستىدا مەلۇمات بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 1950 - يىللاردا قارىمايدا زور نېفىت زاپىسى بايقالغاندىن كېيىن، قارىماي خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن قارىماينىڭ ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، 2008 - يىلىغا كەلگەندە، قارىماينىڭ يىللىق مالىيە كىرىمى 66 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قارىماي كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى، خىتايدىكى 659 شەھەر بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. مانا بۇ باي - باياشات شەھەردىن ھەيدىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرى ئويلىغانلىرى ئېيتتى.

يەرلىك ئاھالىلەردىن يەنە بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قارىمايغا سىغمىغان بۇ ئۇيغۇرلار، قاراماينىڭ بايلىقىدىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلارمۇ ئەمەس. پەقەت بىر جۇمە كۈنلۈك بازىرىدىكى تاپاۋىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ بىر ھەپتىلىك تۇرمۇشىنى قامداق كېتىۋاتقان تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىكى كىشىلەر. بۇلار قارىمايغا زىيان سېلىۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى پايدىسى تېگىۋاتقان، قارىماينىڭ ئىشچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت