قازاقىستان بىلەن خىتاي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكچى بولدى

2007-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

XU_NAZAR_150.jpg
خۇ جىنتاۋ بىلەن نەزاربايېف سۆھبەتتىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. ئاستانا، 2007 - يىلى 18 - ئاۋغۇست. Kazakh President Nursultan Nazarbayev (R) and his Chinese counterpart Hu Jintao shake hands as they pose for the press in Astana, 18 August 2007. AFP PHOTO / STANISLAV FILIPPOV

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرىدىن قايتىش سەپىرىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت نۇر سۇلتان نەزەربايىف بىلەن ئاستانادا خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قوشۇلدى. خىتاي - قازاقىستان رەھبەرلىرى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قوشما باياناتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ نېفىت - تەبىئىي گاز ، بىخەتەرلىك ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىشكەن.

خىتاي - قازاقىستان رەھبەرلىرى يەنە "ئۈچ خىل كۈچلەر،" دېدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېفنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئاستانادا ئېلان قىلغان قوشما ئاخباراتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن قوشما ئاخبارات ئۇيغۇر ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان دارىتما سۆزلەردىن يەنىلا خالى بولالمىدى.

قوشما ئاخبارات ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، چېگرا ھالقىغان دەريا - ئېقىنلار مەسىلىسىنى ئاقىلانە بىر تەرەپ قىلىش، نېفىت ۋە تەبىئي گاز ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خام نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى قۇرۇلۇشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ترانسپورت لىنىيىسى ۋە پورت قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشنى تەكىتلەپلا قالماي، بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

باياناتتا، خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، " ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي بىلەن قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىكنى قوغداش ساھەسىدىكى ھازىرقى تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىكنى كۆرسىتىدىغان"ئۈچ خىل كۈچلەر" ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەر ھەم زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

قازاق ۋە خىتايلار كىمگە قارشى تۇرماقچى ؟

NAZARBAY_SAYLAM_200.jpg
نەزاربايېف سايلام بىلەت ساندۇغىغا بىلەت تاشلىماقتا. ئاستانا، 2007 - يىلى 18 - ئاۋغۇست. Kazakh President Nursultan Nazarbayev (R) takes his ballot from a polling station worker during parliamentary elections in Astana, 18 August 2007. AFP PHOTO / STANISLAV FILIPPOV

"ئۈچ خىل كۈچلەر " دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇر سىياسى ئۆكتىچىلىرىنى، مۇستەقىلچى گۇرۇھلارنى ياكى ئۆكتىچى دىنىي زاتلارنى تەرىپلەيدىغان خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى بىر مەسىلە بولۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇ قازاقىستانغا پاناھ ئىزدەپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭلا ئەمەس، بۇ يەنە قازاقىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇنى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيىتوف، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك

قازاقىستانغا پاناھ تارتىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى ئىزچىل تۈردە بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا قازاقىستان بىلەن خىتاي، 90 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بىر مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمدە ئاستانا ھۆكۈمىتى قازاقىستانغا پاناھ تارتىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى "مۇساپىرلار،" دەپ تونۇمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر ئايدىڭلاشتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاستانا ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا پاناھ تارتىپ چىققان بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى راست ئىدى.

بۇ قېتىمقى خىتاي - قازاقىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئاستانا قوش ئاخباراتىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتۇر. ئالىم سېيىتوف، قوشما ئاخباراتتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چەكلەشكە دائىر ماددا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تەقدىرىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېفىت ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبا يوللىرى كېڭەيتىلىدۇ

قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقى خىتايلار قازاقىستان بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئەڭ قىزىقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خۇ جىنتاۋ بىلەن نەزەربايېفنىڭ ئاستانادىكى قوشما ئاخباراتىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. قوشما ئاخباراتتا، ئىككى دۆلەت سودا ھەجىمىنى نۆۋەتتىكى 8 مىليارد دوللاردىن 2015 - يىلى 15مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى، خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدىكى ئاتاسۇ - ئالاتاۋ خام نېفىت تۇرۇبا يولىنى ئۇزارتىشقا ۋە خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى.

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا ياسىلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىپ، خىتاينى يىلىغا 40 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش پىلانلانماقتا ئىكەن.

خۇ جىنتاۋ ئاستانىنى زىيارەت قىلغاندا خىتاي نېفىت تەبىئىي گاز شىركەتلەر گۇرۇھى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى، ئاتاسۇ - ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ -2 باسقۇچىنى پۈتتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئاتاسۇ - ئالاتاۋ تۇرۇبا يولىنى كاسپى دېڭىزىغا قەدەر 1200 كىلومېتىر ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان پالكوۋنىكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسەتچى قەھرىمان غوجامبەردى، قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى خىتاينى رايونغا جەلپ قىلىۋاتقان ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.

قازاقىستان ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى

خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى چېگرا ھالقىغان دەريالار بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دائىم تالاش - تارتىش قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. نەزەربايىف بىلەن خۇ جىنتاۋ قوشما ئاخباراتىدا بۇ مەسىلىنى ئەسكەرتىپ، "ئىككى تەرەپ چېگرا ھالقىغان دەريالارنىڭ سۈيىنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا ئادىل ھەم مۇۋاپىق ئېچىش پرىنسىپىغا بوي سۇنىدۇ، " دەپ كۆرسەتتى.

قازاقىستاندىكى مۇھىت قوغدىغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسىدا سۇ ئامبىرى قۇرۇش، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ياساش پائالىيىتى دەريا سۈيىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى، دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپلا قالماي، تەڭرى تېغىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا ئىدى.

قازاقىستاندىكى مۇھىت قوغدىغۇچى ئاكتىپلارنىڭ بىرى مېلىس ئېليۇسىزوۋ، ئىلى دەرياسى دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى"ئېكىلوگىيىلىك ئاپەت،" دەيدۇ. بالقاش كۆلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كۆلگە كىرىدىغان سۇنىڭ %80 نى ئىلى دەرياسى تەمىنلىمەكتە.

خۇ جىنتاۋ بىلەن نازاربايېۋ باياناتتا، "ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا ھالقىغان دەريالار مەسىلىسىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى" ئېلان قىلدى. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىمقى ئىككى كۈنلۈك ئاستانا سەپىرىدە يەنە قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموۋ ۋە قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا رەئىسى قاسىم جۈمەرت توقايېۋلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. (ئەركىن)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت