قازاقىستاندا يەنە بىر ئاممىۋىي ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئاقساي ئۆڭكۈرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسى ھەققىدە خەۋەرلەرنى تارقىتىشنى داۋام قىلماقتا.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


مەلۇمكى، ئاخىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر جايدا 11 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، ھازىر تەرگەۋ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بۇ ۋەقەنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭغا كىملەرنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش بۇيىچە جىددىي ئىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

«مەركىزى ئاسىيا» تور بېتىدە مۇخبىر ئالېكساندىر ترۇخاچيېف مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئالماتا ۋىلايىتىدىكى قانلىق ۋەقەلەر قازاقىستان پايتەختىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا. دەل مۇشۇ يەردە بۈگۈن چوڭ پەۋقۇلئاددە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي چۈشەندۈرۈشلەر ئېلان قىلىندى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن پەۋقۇلئاددە سۆھبەت يىغىنىدا ساقچىلار ئالتە ئادەمنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يەنە بەش ئادەمنىڭ تېنى ئانالىزغا ئەۋەتىلگەن. 11 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مۇناسىۋىتى بىلەن جىنايى دىلو تۇرغۇزۇلغان. تەخمىنلەر ۋە گۇماندارلار ھەققىدە ھازىرچە ھېچنەرسە ئېنىق ئەمەس. لېكىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قاسىموف بۈگۈن ژۇرنالىستلارغا تەرگەۋچىلەرنىڭ بەزى تەخمىنلىرىنى بىلدۈردى.»

ماقالە ئاپتورى 11 ئادەمنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ئەڭ تەجرىبىلىك تەرگەۋچىلەرنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ جەلىپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دەسلەپتە «تائۇ سامالى» ئاھالە پونكىتىدىن 30 كىلومېتر ئارىلىقتا ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدە ساقچىلارغا خەۋەر قىلىنغان. لېكىن، تەرگەۋ گۇرۇپپىسى بۇ يەرگە كېلىپ ئىككى ئەمەس، بەلكى ئالتە ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقى پىچاقلانغان ئىكەن. بۇ جەسەتلەرنىڭ ئورمانچى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا، شۇنداقلا ئورمانچىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئىككى ئىشچىغا ۋە ئورمانچىنىڭ يېقىن تونۇشلىرىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. بۇ يەردىن 25 كىلومېتر ئارىلىقتا يەنە بىر ئورمانچىنىڭ ئۆيى كۆيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە يەنە بەش ئادەمنىڭ كۆيگەن تېنى تېپىلغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبىرىنىڭ پەرىزىچە، بىرىنچىدىن، بۇ ۋەقە ئىچكى مۇناسىۋەتلەردىن كېلىپ چىققان، ئىككىنچىدىن بولسا، بۇنى تاشقىرىدىن بىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ك ت ك تېلېۋىزىيىسىدە ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ھېچنەرسە يوقالمىغان. بۇ قانلىق ۋەقەنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ تۈپ مەقسىتى ئورمانچى پانايوت زاخاروپۇلو بولغان دېگەن تەخمىن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىكەن، چۈنكى ئۇ ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇنبەت يەرنى ئىگىلىۋېلىپ، شەخسىي مۈلۈككە ئايلاندۇرۇۋالغان.

يەرلىك ئورگانلار ئاقسايدا يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئارقان كەرگەن چېگرا پونكىتىدا بولغان ۋەقە ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمدى «تودېي كز» ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقىتىپ، ئارقان كەرگەن چېگرا پونكىتىدا 15 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىدە ئەيىبلىنىۋاتقان ۋىلادىسلاف چېلاخنىڭ بوۋىسى ۋىلادىمىر چېلاخ بۇ ئىككى قانلىق ۋەقەنىڭ بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتىلىك ئىكەنلىكىنى ھەم بۇ جىنايەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ تېخىچىلا ئەركىنلىكتە يۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاقساي رايونىدا بولغان ۋەقە چەتئەل ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە «نۇر كز» تور بېتىدە «دۇنيا مەتبۇئاتى: ئالماتا يېنىدىكى ئادەم ئۆلتۈرۈشلەر قازاقىستاننىڭ ئابرويىنى تۆكتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ماقالىدە رۇسىيىنىڭ «ئورال ھەپتىلىكى»، ئەنگىلىيىنىڭ ب ب س ئاگېنتلىقى، ئامېرىكىنىڭ «نيۇ يورك تايمس» نەشرىنىڭ موسكۋا بيۇروسى، شۇنداقلا «ئاسسوشېيتېد پرېسس» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقى، گېرمانىيىنىڭ «دويچې ۋېلې» يېڭىلىقلار مىللىي خىزمىتىنىڭ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئارقان كەرگەن چېگرا پونكىتى ۋە ئاقسايدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىگە دىققەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ب ب س ئاگېنتلىقى قازاقىستاندىكى تۇراقلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئەمما مۇخبىرلار شۇنى كۆرسەتتىكى، يېقىن ئارىدا بىر نەچچە ھۇجۇملار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئادەم ئۆلتۈرۈشلەر ۋە ئۇلاردا ئىسلامچىلارنىڭ ئەيىبلىنىشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى تار - مار قىلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ چوڭ ئوپېراتسىيىلىرىگە باغلىق ماجىرالار، قازاقىستاننىڭ پۇختا ئورنىتىلغان تۇراقلىق ئوبرازىنى تەۋرىتىپ قويدى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت