خەلقئارا تەشكىلاتلار، قازاقىستاندىكى سايلامنىڭ ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا

2005-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

tuyaqbayef.jpg
قازاقىستان ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ كاندىداتى ژارماخان تۇياقبايېف. AFP

قازاقىستاندا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا سايلام كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قارىشىچە، گەرچە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام قىسمەن تەرەپلەردىن ئىسلاھات قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق پرېزىدېنت سايلىمىدا يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر سادىر بولغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى، قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى، ئاللىبۇرۇنلا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ %91 ئاۋازغا ئېرىشىپ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سايلامدىكى ئۈچ كەمچىلىك

ئوخشاشلا، ياۋرۇپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق سايلامنى كۆزىتىۋاتقان بىر قانچە تەشكىلات ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياۋرۇپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سايلام كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى مۇخبىرلارغا "گەرچە سايلامغا ھازىرلىق كۆرۈش پائالىيەتلىرى بۇرۇنقىدىن پەرقلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سايلامنىڭ يەنىلا ياۋرۇپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ھەمدە دېموكراتىك غەرب ئەللىرىنىڭ سايلام ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى " سايلامنىڭ 3 چوڭ كەمچىلىكى شۇكى، مەتبۇئاتلاردا بىر تەرەپلىمە خەۋەر بېرىش، ئوچۇق ئېيتقاندا نازاربايېفقا يان بېسىش خاھىشى كۆرۈلدى يەنى سۆز قىلىش ئەركىنلىكى ھەمدە ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلىرى پۈتۈنلەي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ كونترۇللۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلدى، سايلام ئەھلى ئەنە شۇ كونتروللۇق ئاستىدا قارار بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭدىن سىرت ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ سايلام نامزاتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى سايلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، تەھدىت سېلىش ۋە ھەتتا ئۆكتىچى پارتىيە نامزاتلىرىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنى قولغا ئېلىپ سولاپ قويۇشتەك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى ".

سايلامدا بېسىم ئىشلىتىلگەن

ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلام كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى يەنە، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا، باشلىقلار ئوقۇغۇچى ۋە دوختۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزلىرى كۆرسىتىپ بەرگەن نامزاتقا بېلەت تاشلاشقا قىستاشقا ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ھەقىقەتەن ئەركىن ۋە ئادىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكىدا بىلىم ئېلىۋاتقان قازاق ئوقۇغۇچى سايىدە خانىم نازاربايېفنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، سايلام ئەھلىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغىنىدا، قازاق خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغۇچى سايلام نامزاتىنى ئۆزلىرىگە يېڭى پرېزىدېنت قىلىپ سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سايلامدا يەنە ساختىپەزلىك قىلمىشلىرى يۈز بەرگەن

قازاقىستاندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان سايلاملاردىمۇ ساختىپەزلىك شۇنىڭدەك سايلام ئەھلىگە تەھدىت سېلىش ئەھۋاللىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، بۇ قېتىمقى سايلامدىن ئىلگىرى نۇر سۇلتان نازاربايېف، سايلامنىڭ چوقۇم ئەركىن ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەپسۇس خەلقئارا سايلام كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا يەنىلا دېموكراتىيە ئېڭى تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بۇ دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈم بەرپا قىلىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىكەن.

قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى دۆلەتلىرىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، ياۋرۇپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىغا يوللىغان دوكلاتىدا، قازاقىستاننىڭ بۇ قېتىملىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئادىل ۋە ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت