قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلامنىڭ نەتىجىسى داۋاملىق تەنقىتكە ئۇچرىماقتا

2005-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

nazarbayef.jpg
5 - دېكابىر كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغان نۇرسۇلتان نازاربايېف قوللىغۇچىلىرى بىلەن. AFP

ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، 16 يىلدىن بۇيان قازاقىستانغا رەھبەرلىك قىلىپ كېلىۋاتقان نۇرسۇلتان نازاربايېف 90% تىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قايتىدىن يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.

بىراق، قازاقىستاندىكى بۇ پرېزىدېنت سايلىمى، ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتى شۇنىڭدەك باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن تەنقىدلەرگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ خەلقئارالىق دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى كۆرسىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى بۇ سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن سايلام قائىدىسىگە بولغان بۇزغۇنچىلىقلار ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنى تەنقىد قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

نازاربايېۋ يەنىلا قانۇنلۇق پرېزىدېنت

خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان قازاقىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 7- دېكابىر كۈنى مىراس فوندىدا ئېچىلغان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل ياردەمچى مۇئاۋىن مىنىستىرى ماتىيۇ برىزا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايېفنى قازاقىستاننىڭ قانۇنلۇق سايلانغان پرېزىدېنتى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق، سايلام جەريانىدا ئۆكتىچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى.

6-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى ئادام ئەرلى قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە لايىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

ياۋروپا ۋە ياۋرو- ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماتىيۇ برىزا ئامېرىكىنىڭ نازاربايېفغا تۇتقان مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

" قازاقىستان سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ نەتىجىدە ئەكىس ئەتكەنلىكى ھېچكىممۇ تالىشالمايدىغان پاكىتتۇر. پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ قازاقىستاننىڭ بىر قانۇنلۇق پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىدە مەسىلە يوق."

tuyaqbayef.jpg
قازاقىستان ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ كاندىداتى ژارماخان تۇياقبايېف. AFP

بىراق، برىزا ئەپەندى نۇرسۇلتان نازابايېفنىڭ سايلامدىن ئىلگىرى بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقلىمىدا زور ياخشىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ يەنىلا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى؛

"سايلامدىن ئىلگىرى ۋە سايلام جەريانىدىلا كۆپ مەسىلىلەر بولغان. ئۆكتىچىلەرنىڭ كەڭ تارقاتقان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا مەلۇم قىلىنىشىچە، نامايىشتا ئۇرۇش يۈز بەرگەنلىك ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېسىلغان بارلىق گېزىتلار يىغىۋېلىنغان"

برىزا ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندىكى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە پەقەت بىر ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى ئېنىق بەلگىلىرىمىلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ بۇ دۆلەتكە ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خەلق ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەلۇم ياخشىلىنىشلاردىن رازى

مىراس فوندىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا سۆز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ئانگېلا ستەنت قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە سىياسىي مۇقىملىقى ئەڭ ياخشى دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، "قازاقىستان ھازىر رۇسىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تەڭپۇڭلۇق يارىتىشتا ياخشى نەتىجە ياراتتى "، دېدى

پروفېسسور ئانگېلا ستەنت قازاقىستاندىكى دېموكراتىك تەرەققىيات ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك خەلقئارا ئىنىستىتۇتىنىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان ئاممىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادىي كرىملىرىنىن بۇرۇنقى بىر قانچە يىلىدىكىن ئاشقانلىقىدىن پۇقرالارنىڭ ، دۆلەتنىڭ توغرا بىر يۆلۈنۈشتە كېتىۋاتقانلىقىدىن رازى ئىكەنلىكىنى مىسال كەلتۈرۈپ، گەرچە 70% رايى سىنالغان ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى دېموكراتىيىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەلۇم ساندىكى ئاممىنىڭ چىرىكىلىك ۋە ئىشسىزلىقتىن نارازى ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك يەنە رايى سىنالغان 25% ئادەمنىڭ بۇ دۆلەتتە ئاشكارا ھالدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان سايلام خىتاي تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان

قازاقىستاندىكى بۇ سايلامنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى 6-دېكابىر كۈنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن رەسمى يوسۇندا تەنقىتلەنگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش نۇرسۇلتان نازاربايېفقا تېلېفون بېرىپ، ئۇ نىڭ قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنى سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن سايلام قائىدىلىرىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشكە ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىشقا چاقىرغان. رەيتەرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، نازاربايېف بۇشقا ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قازاقىستاندىكى سايلامنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 43 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان 460 كىشىلىك نازارەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر بىرلەشمە نازارەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر سايلام جەريانىدا ھەر خىل شەكىلدە دېموكراتىك قائىدىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى سەزگەن . ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن نازارەت گۇرۇپپىسى بولسا، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ناھايىتى دېموكراتىك بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سادىر بولمىغانلىقىنى خۇلاسە چىقىرىپ، مەزكۇر سايلامغا يۇقىرى باھا بەرگەن شۇنىڭدەك نازاربايېفنى تەبرىكلىگەن.

گەرچە، قازاقىستاندىكى سايلام ئاخىرلاشقانلىقىغا بىر ھەپتە بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدى توختاپ قالغىنى يوق. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت