قازاقىستان رۇس يېزىقىنى تاشلىۋاتمەكچى

2006-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قازاقىستان نۆۋەتتە، يېزىق ئىسلاھاتى دولقۇنىغا دۇچ كەلمەكتە، قازاقىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يېقىندا پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا سىلاۋيان يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قازاق تىلىنى بارلىق پۇقرالارنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ سىمۋولى قىلىش ھەققىدە تەكلىپلەر بەرگەن.

نازاربايېۋ يەنە پۇقرالارنى ئىنگلىز تىلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشكە چاقىرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى قازاقىستان زىيالىيلىرى ۋە پۇقرالىرى ئارىسىدا ھازىر قوللىنىۋاتقان سلاۋيان يېزىقىدىن ۋاز كېچىپ، لاتىن يېزىقىنى قوللىنىش ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىلىرىگە سەۋەب بولغان.

تىل مۇستەقىللىقى 15 يىلدىن بۇيانقى تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلە

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىغە ئېرىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرگە ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇس تىلىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش يولىنى izdeshti.netئىجىدە، ئالدى بىلەن مولداۋىيە، ئازەربەيجان، تۈركمەنىستان،ئارقىدىن ئۆزبېكىستان رۇس تىلىنىڭ دۆلەت تىلىلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، يەرلىك مىللىي تىلنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سلاۋيان يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لاتىن يېزىقىنى دەسسەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ھازىرغىچە سىلاۋيان يېزىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستاننىڭ ئەھۋالى باشقىچىرەكتۇر. بۇ دۆلەتتىكى رۇس ئاھالىسىنىڭ كۆپلۈكى ھەتتا بەزى جايلاردا رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى سەۋەبىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاق تىلىنى دۆلەت تىلى قىلسىمۇ، بىراق رۇس تىلىنىڭ ئورنىغا يەنىلا ئەھمىيەت بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. رۇس تىلى بۇ دۆلەتتە سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق ھەممە ساھەلەردە خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىگە ئوخشاشلا رول ئويناپ كېلىۋەردى.

قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بۇ دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق تەسىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ خەلقئارالىق ئالاقىسىمۇ ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيمەكتە. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا پرېزىدېنت نازاربايېۋ سلاۋيان يېزىقىنى تاشلاش تەكلىپىنى ئۆزى مەيدانغا چىقاردى.

قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سۇلايمانوپ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، تىلشۇناس دوكتۇر دىلىنۇر قاسىموۋا قازاقىستاندا لاتىنلىشىشنىڭ ھازىر كۈن تەرتىپكە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

نازاربايېۋ قازاق تىلىنىڭ رولىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغىنىدا، ئالاھىدە تەشكىللەنگەن قازاق تىلى ئىمتىھان ئېلىش كومىسسىيەسىگە ئىمتىھان بەرگەن. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت بېشىنىڭ قازاق تىلىنى بىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان. بىراق، دوكتور دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھېچقاچان باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى چەتكە قەقىش ۋە ياكى قازاق تىلىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قازاق تىلىنى شەرت قىلىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغان.

يېزىق ئىسلاھاتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن

دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب يېزىقىنى قوللانغان بولسا، 20-يىللارنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە لاتىنلاشتۇرۇلغان. ھەتتا، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىمۇ 1927-يىلىدىن 1947 - يىلىغىچە لاتىن يېزىقى قوللانغان.

30- 40-يىللاردا بىردەك ھالدا سىلاۋيانلاشتۇرۇلغان. ئەمما، سوۋەت ئىتتىپاقىدىكى گرۇزىنلار ۋە ئەرمەنلەر سىلاۋيان يېزىقىنى قوبۇل قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي يېزىقىنى ساقلاپ قالغان. بالتىق بويىدىكى ئۈچ جۇمھۇرىيەتمۇ لاتىن يېزىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، باشقا 10 جۇمھۇرىيەت پۈتۈنلەي سىلاۋيان يېزىقى ئىشلەتكەن. قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تىل يېزىق ئىسلاھاتى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە قازاقىستاندىكى قازاقلار، ئۇيغۇرلار ئىچىدە سىلاۋيانچىنى تاشلاپ، ئەرەب يېزىقى ۋە ياكى لاتىن يېزىقىنى تاللاش ھەققىدە بەس –مۇنازىرە بولغان. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 300 مىڭ ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىنغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى بىلەن ئوخشاش يېزىق ئىشلىتىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. تىلشۇناس دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەم سىياسىي جەھەتتىنمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئانالىزلاردىن قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەشكە تىرىشىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بۇ جۇمھۇرىيەت پۇقرالىرىنىڭ 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولغان رۇس تىلى ۋە رۇس تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش خاھىشلىرى بىراز پەسىيىپ، بۇ مەسىلىگە مۆتىدىل مۇئامىلە تۇتۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق، نازاربايېۋ قازاقىستاننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇس يېزىقىنى تاشلىۋېتىش يولىنى تۇتقان. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت