سىياسىي پاناھلانغۇچى قەمىردىن ئابدۇراخمان بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا قىستالدى

خىتاي شېرىكلىرىدىن ئىككى نەپىرى ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستانغا كېلىپ، قەمىردىننى بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان ۋە سۆز ئارقىلىق تەھدىت سالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-11-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
قەمىردىن ئابدۇراخمان. ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس.
RFA

ئافغانىستاندا ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان پاكىستانلىق ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى قەمىردىن ئابدۇراخمان، ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى شېرىكلىرى تەرىپىدىن، سىياسىي پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ خاتالىقىنى تونۇشقا چاقىرىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق زور ماددىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقى، ئەگەر رەت قىلسا زىيان تارتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. قەمىردىن بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلغان ئىدى.

خىتاي ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەت ئافغانىستانغا قولىنى ئۇزاتماقتا. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى قول ئۇزىتىشىدا مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىنچىلىكى ئېھتىمالدىن يىراق كۆرۈلمەكتە. ئۆتكەن ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى قەمىردىنگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنى سىياسىي پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە، بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينى ھەقسىز سەيلە-ساياھەت قىلىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان. شۇ چاغدا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى شېرىكلىرىمۇ قەمىردىنگە تېلېفون قىلىپ، قەمىردىننى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. بۇ نۆۋەتتە خىتاي شېرىكلىرى ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ، قەمىردىننى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا تەسلىم بولۇشقا ئۈندىگەن.

قەمىردىن ئابدۇراخمان، 2009-يىلى ئانا يۇرتى يەكەنگە زىيارەتكە بارغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئارقىدىن خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۈندەلگەن. قەمىردىن ئەينى چاغدا تەكلىپنى يالغاندىن قوبۇل قىلغان ۋە دۆلىتى پاكىستانغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن ۋە جاسۇسلۇققا زورلانغانلىقىنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان. بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، پاكىستاندىكى نامەلۇم يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت سېلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە قەمىردىن ئائىلىسىنى ئېلىپ ئافغانىستاندىكى ب د ت ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. قەمىردىننىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

نۆۋەتتە قەمىردىننىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان؛ ئۇ پەقەت يەرلىشىدىغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن تەكلىپ كۈتمەكتە.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت