قېقىنۇس سىدىق: ئانامغا بېرىلگەن 'ئەركىنلىك مۇكاپاتى'دىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن

ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ، 2010 ‏- يىللىق خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا تەقدىم قىلىندى. مۇكاپاتنى ئانىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغان قېقىنۇس خېنىم بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىن ئالغان تەسىرلىرىنى ئىپادىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە ئاڭلىتىش بېرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻟﯘﻛﺎ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ "ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻧﺠﻰ ﻗﯩﺰﻯ ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺱ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺳﺎﻫﯩﭙﺨﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ.
2010 - ﻳﯩﻠﻰ 17 ‏- ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ﻟﯘﻛﺎ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ "ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ" ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪﻧﺠﻰ ﻗﯩﺰﻯ ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺱ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻐﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﯧﻘﯩﻨﯘﺱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺳﺎﻫﯩﭙﺨﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﺳﻪﻫﻨﯩﺴﯩﺪﻩ.
RFA Photo / Eqide

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى قىزى قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىغا ۋاكالىتەن ئىتالىيىنىڭ لۇكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە ئىتالىيىدىكى خەلقئارا Societa Libera تەشكىلاتى يەنى ئىجتىمائىي ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ " ئەركىنلىك" نامىدىكى مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئامېرىكا George Town University پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ 3 ‏- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قېقىنۇس خېنىمنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ تۇنجى قېتىم دادىسىدىن ئانىسىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، ئىچىدە " ياق مېنىڭ ئانام، ئۇنداق ئاددىي بىر ئايال ئەمەس، ئۇ تولىمۇ كۈچلۈك بىر ئايال، خىتايلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، ئۇ چوقۇم بىر ئامال قىلىپ، تۈرمىدىن چىقىپ، ئامېرىكىغا مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ " دەپ ئويلىغان ئىكەن.

بىراق كۈنلەرنىڭ ھەتتا يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان قېقىنۇس، 8 يىللىق گۆدەك ھاياتىنى ئانىسىز ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق سىياسىي ھەرىكەتلەر ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئىدى.

قېقىنۇس ھەر دائىم، ئۆزىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتىغا بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى، ئۇرۇق - تۇغقان قېرىنداشلىرىنى بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن - قىستاق ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىككى ئاكىسىنى چەكسىز سېغىنغانلىقىنى ئېيتىپ كۆز يېشى قىلاتتى.

 مانا مۇشۇنداق ئۆز مىللىتى ئۈچۈن سىياسىي بەدەل تۆلىگەن بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن قېقىنۇس خېنىم، ئانىسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئىتالىيە خەلقىگە يەتكۈزگەنلىكىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قېقىنۇس خېنىمغا ھەمراھ بولۇپ، ئىتالىيىگە بارغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ "ئەركىنلىك مۇكاپاتى"نى ئانىسى ئۈچۈن قوبۇل قىلغان ۋە سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلغان قېقىنۇس خېنىم ھەققىدە ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىتالىيە Societa Libera تەشكىلاتىنىڭ 2010 ‏- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى، ئۆز ئانىسى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ ئالغان كىچىك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قېقىنۇس خېنىمنىڭ، مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدىكى تەسىرلىك نۇتقى ئىتالىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


تولۇق بەت