"خىتايلار غەربنى بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇلار بۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە "

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتىدە ئۇيغۇلارغا ئائىت بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىگە " خىتايلار غەربنى بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇلار بۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەكتە " دەپ ماۋزۇ قويغان .
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ
AFP Photo

ئاپتور باربارا دېمىك ماقالىسىنى قەشقەردىكى يەكشەنبە بازىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق باشلىغان. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

- "قەشقەردىكى يەكشەنبە بازىرىدا تۇرۇپ، 13- ئەسىردە ئىتالىيىلىك سەيياھ ماركو پولو يىپەك يولىدىن ئۆتكەن مەزگىلدىكى تىجارەتنى تەسۋىرلەش ئانچە قېيىنغا توختىمايدۇ. ئات‏- قوي ۋە تۆگىلەرنى بېقىۋاتقان بىر بالا، ياغاچ ھارۋىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان قوغۇن ۋە ئۈزۈم ۋە پىچىقىنى چاقلاپ ئولتۇرغان قېرى ياشانغان بىر بوۋاي...

مانا بۇ مەنزىرىلەر بىلەن بىرلىكتە قەشقەردە زامانىۋىيلىشىشنىڭ ئىزنالىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. قەشقەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئەندىشە ۋە گۇمانلىرىغا قارىماي، خىتاي ھاكىمىيىتى قەشقەرگە بىردىنلا زامانىۋىيلىشىشنى سۆرەپ كىردى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تاللانغان قەشقەردە، ئۆزگىرىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى ئاللىقاچان كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.

ئاپتور قەشقەردىكى ئوتتۇرا ۋە غەربى جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت مەركىزىدە توختىماي ئىشلەۋاتقان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە يېڭى ياسىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن يەرلىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانىغا يەر بېرىدۇ.

35- ياشلار ئەتراپىدىكى بىر يەرلىك تىجارەتچى ماڭا" ئىلگىرى بۇ يەر بىر چۆل ئىدى. ھېچكىم بۇ يەرگە قىزىقمايىتتى. ئەمما، ھازىر شەرقلىق بايلار كېلىپ ھەممە نەرسىنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەر سېتىۋېلىپ، يول ياساۋاتىدۇ. كېيىن ئۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى توراپ تام قوپۇرۇپ چىقىدۇ" دېدى. خىتاي ھاكىمىيىتى قەشقەرنى خىتاينىڭ شېنجېن ئالاھىدە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنى خىتاينىڭ پاكىستان، ھىندىىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تىجارىتىنىڭ مەركىزى قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتقان ئىكەن. بىر خىتاي ئەمەلدار بىزگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانىنى " بىز قەشقەرنى يىپەك يولى مەزگىلىدىكىدەك قايتىدىن مۇھىم تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى" دەپ تونۇشتۇردى. ئەمما، قەشقەرلىكلەر بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن. ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتى قەشقەرگە ئېلىپ كەلمەكچى بولۇۋاتقان بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسەن يەنە شۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنى باي قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا قەشقەردىكى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، بىر قانچە ئون يىل ئىلگىرى قەشقەردىكى 355 مىڭ نوپۇسنىڭ 90 پرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، گەرچە يېڭى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلىرىنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 70 پرسەنتكە چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىگە قارىماستىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، "يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمەس" دېگەن باھنا بىلەن قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ 85 پرسەنتىنى ئاساسەن بۇزۇپ چېقىپ، تېخمىنەن 200 مىڭ ئۇيغۇرنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:
 
- ئامېرىكىدا ياشايدىغان قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئەمەلىيەتتە بۇنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇيەردە بەرپا قىلىۋاتقان ئىقتىساد ئالاھىدە رايونى خىتاي كۆچمەنلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ماڭا" ئۇيغۇرلار بانكىدىن قەرزمۇ ئالالمىسا قانداق شىركەت ئېچىپ تىجارەت قىلالايدۇ؟" دېدى.

ماقالىنىڭ ئاپتورى باربارا دېمىك يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسەتلىرى يۈزىدىن پاسپورت ئېلىشتىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قەشقەرلىك بىر ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

- "ئەگەر سىز بېشكەككە بارسىڭىز، ئۇيەردە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئاران 50نى كۆرىسىز. ئەمما خىتاي تىجارەتچىلەر بولسا كۈرمىڭ. ئۇلار شۇنداق ئاسان پۇل تاپىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بەلكىم ياشلارغا تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما پۇلنىڭ چوڭى يەنە بىزگە تەگمەيدۇ."

ئاپتور بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنى پارتلىتىش ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى ئىشسىز ئۇيغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋەقەدىن كېيىن خىتاي پرېزىدېنتى خۇجىنتاۋنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىر يېرىم مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇ مەركەزنىڭ بۇ قارارلىرىدىن كېيىن ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يەر-زىمىن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى، قولىدا پۇلى بار شەرقلىق بايلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېر-زىمىن سېتىۋالغانلىقى ۋە قەشقەردىكى يەر-زىمىن تىجارىتىنىڭ ئاساسەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئاپتور ماقالسىىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ھەقتە ئامېرىكا پومونا ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى تەتقىقاتچىسى درۇگلەدنېي ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشىغا يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ :

- ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسلار ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئالدى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ۋە شۇنداقلا يەرلىك بولغان باشقا خەلقلەرگە بېرىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما، تەتقىقاتچى درۇگلەدنېي بۇنىڭدىن ئۈمىدسىز. ئۇنىڭ قارىشىچە، " ئەگەر بۇ رايونغا سىرتتىن كېلىپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلار ۋېنجۇلۇقلار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇلار يەنە ۋېنجۇلۇقلارنى ئىشقا ئالىدىكەن."

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت